تېرىشىڭ مۇئەللىم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 تېرىشىڭ مۇئەللىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

مائارىپنىڭ قىممىتى،چىنلىقتا دىدى،
كېرەك ئەمەس ئۇنىڭغا سۇۋاشلار دىدى،
باشلىمىساق ئەۋلادنى ئېلىم يولىغا،
توۋلىغان شۇئارىڭ رەسمىيەت دىدى.

تېرىشىڭ مۇئەللىم چاڭقىسۇن دېلىڭ،
مەرىپەت ئىشقىدا سايرىسۇن تىلىڭ،
سۈكۈتتە بولمىغىن خام خىيال قىلىپ،
ھۈسەيىن روھىنى چاقناتسۇن  دېلىڭ.

ناخشىڭىز داۋاملىق ياڭرىسۇن سېنىڭ،
يولىمىز ئەبەدكە پارلىسۇن بىزنىڭ،
مەرىپەت ئىشقىدا يانمىسا ئوتلار،
مەشئەلنىڭ ئوتلىرى يانمايدۇ بېلىڭ.

باسايلى ئىزلارنى يېڭىلاپ يېڭى،
ئىلىم-پەن خەلقىمنىڭ ئوزۇقى جېنى،
سۈكۈتتە تۇرمايلى،تېرىشىڭ دوستۇم،
مەشئەلنى قول ئۇلاپ سۇنايلى قېنى.
     





49 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 18:08:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ