يۈرەكتىكى چىغىر يول

‏يۈرەكتىكى چىغىر يول

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏يالغۇز ئاياغ چىغىر يول ئارا،

 ‏سۈكۈت ئىچرە ئايلاندىم ئۇزاق.

 ‏ياشلىقىمنىڭ يۇمران بىخلىرى،

‏كەچمىشلەردىن تاشلىغاچ ياپراق.

 

‏ ‏تاڭ سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى،

 ‏يۈزلۈرۈمنى سۆيمەكتە گويا.

‏تارام-تارام تۆكۈلگەن شەپەق،

‏بويلۇرۇمغا تۆكمەكتە زىيا.

 

‏ ‏گۈلنەپشىنىڭ خۇش بۇي ھىدىدەك،

‏ئۇرۇلغاچقا دىماغقا ھاۋا.

 ‏خىيال قۇشۇم ئۇچماقتا ھەريان،

 ‏ۋۇجۇدۇمدا ئەيلىشىپ ناۋا. ‏

 

 ‏ئوخچىماقتا بىر ئېزگۇ تىلەك،

‏قىلىپ پەرياد تاڭ ساباسىغا.

 ‏خۇشتار بولغاچ يىگانە كۆڭلۈم.

 ‏ئەتتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىغا.

 

 ‏ ‏ساپ ھاۋالار گويا سازچىدەك،

 ‏چالدى دىلنى مىسكىن ئاھاڭغا. ‏

كۆكلەپ چىقتى يىڭىچە ئارزۇ،

 ‏مەھلىيا بوپ يېڭى بىر تاڭغا. ‏

 

 ‏2015-يىل 21-ئىيۇن باي ‏ ‏





176 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-23 0:38:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ