كۆكتاتچى يىگىت - مېھىرنىسا قۇربان

  كۆكتاتچى يىگىت

مېھىرنىسا قۇربان

كۆكتات سېتىپ كىلەر بىر يىگىت،
مەھەللىگە توكسىكلىت بىلەن.
دەيدۇ:شۇنداق كۆكتات ئىلىڭلار،
تېتىك ياڭراق ئاۋازى بىلەن.

سېتىپ كىلەر ھەر كۈنى شۇنداق،
كۆكتاتلىرى شۇنچىلىك سەرخىل.
سېتىۋېلىپ خۇلۇم قوشنىلار،
ئېتىپ يەيدۇ تاماقنى ھەرخىل.

ئوچۇق يورۇق مىجەزى ئوبدان،
چوڭ-كىچككە ئوخشاش قارايدۇ،
ئىلىڭ سىزمۇ كۆكتاتلىرىدىن،
ئىشىنىمەن سىزگە يارايدۇ.

رازى شۇنداق تىجارىتىدىن،
بۇ كەسىپكە قىلغان ئىشتىياق،
دىدىم مەنمۇ ئارقىدىن قاراپ،
تىجارىتىڭ تاپقاي ھەم روناق.

كۆكتات سېتىپ ھالال نان يەيدۇ،
تىرىشىدۇ تۇرمۇش يولىدا.
توۋلاپ تۇرۇپ ساتىدۇ كۆكتات،
يۈرەر بەخىت ئۇنىڭ قولىدا.

2016-9-20 غۇلجا شەھىرى
     





34 قېتىم كۆرۈلدى 2550325358 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-20 16:16:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ