سەرسان ياشاش

سەرسان ياشاش

 

(ئابدۇراھمان ئابدۇللا)

 

 ئۆمۈچۈك تور يايغان غېرىپ تەكچىدە،

 تولغىنىپ ياتىدۇ بىر شاپتۇل قېقى.

قۇياشنىڭ نۇرىنى سۈمۈرۈپ تامام،

ئىللىماس قەلبىنىڭ سۇنۇق روجىكى.

 

ئاخىرقى ياشاشتىن ئۈمىد ئۈزۈلمەس،

 توپاندا قىيسايدى زەيتۇننىڭ شېخى.

 پارتلاپ كېتىدۇ ھەممە ئۆزىگە،

 ھاۋانىڭ ئۆزىگە يەتمەس تىنىقى.

 

 تاشلانغان قەدەملەر كېسىشمەس زىنھار،

 مۇھەببەت پالاندى باشلانغان جايغا.

 ئېزىقىپ ياشىدۇق ئادەملەر ئارا،

 سەرسانلىق تاش كەبى نىقتالدى جانغا.





366 قېتىم كۆرۈلدى xahturk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-7 0:32:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ