بىر كۈنى ھەممىمىز كېتىپ قالىمىز
رەيھانگۈل مەمەت
(رەھمەتلىك مىرادىل ۋە ئابدىقاھار ئۇكاملارنىڭ ۋاپاتىنى ئەسلەپ)
بىر كۈنى ھەمىمىز كېتىپ قالىمىز ، قېرىنداشنىڭ يۈرەكلىرىگە ، سۆيگۈمىزنىڭ تىلەكلىرىگە ئۇلۇغ بىر يىغا ، مىڭ دەرت-ئەلەم ، چۇڭقۇر بىر ساقايماس يارا قالدۇرۇپ تېنىچلا كېتىپ قالىمىز . ئەزرائىلنىڭ قارا قوللىرى سۇزۇلغاندا ئەجەلنىڭ كۆزى يوقلىقىنى ، ياش-قېرى ، قىز-ئۇغۇل دەپ ئايرىمايدىغانلىقىنى پۇشايمان ئىلكىدە ھىس قىلىپ جىمجىت كېتىپ قالىمىز . ھاياتنىڭ شىرىن بۇلاقلىرىنى قانماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ ئىچىۋاتقاندا تەقدىرنىڭ رەھىمسىز قىسمەتلىرىنىڭ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يالغۇز كېتىپ قالىمىز .
ھاياتلار ئۈلۈمنى ئويلىمايدۇ ، ھاياتنىڭ ناھايىتى قىسقا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇيدۇ .مەيلى ھاياتقا كۈلۈپ بېقىپ چاچ-ساقاللىرىمىز ئاقارغىچە ياشاپ كىتەيلى ۋە مەيلى شۇنداقلا تۇيۇقسىز ياش كىتەيلى ھامان بىر كۈنى مەلۇم بىر يەردە ، مەلۇم بىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇلىشىدىن تەمكىن يارالغان كۆزلەرنى ئازاپتىن ياشلاپ ، شىرىن كۈنلەرگە ئاھ-زار ، داد-پەريادلارنى باشلاپ تۇيۇقسىزلا كىتىپ قالىمىز ، بىر چاغلاردا نەپسى يامانلىق قىلىپ ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۈزىمىزنى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ كوڭلىنى ئاغرىتقانلىقىمىزنى ، مىھرىمىزنى ئەمەس قەھرىمىزنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ دۇنيانىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى دەقىقە ئىچىدە ھىس قىلىپ ئازاپتىن ئۆرتەنگەن يۈرەكلىرىمىزنى ئىغىر بارماقلىرىمىز بىلەن مۇجىغان ھالدا كىتىپ قالىمىز .
بۇرنىمىزغا ئۈلۈم پۇرىقى پۇراپ ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن قەدەم باسقان ئاشۇ ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇتلۇق نەپسىمىز قالغان مىنۇتلاردا سىز ، مەن، بىز نىمىلەرنى ئويلارمىز ؟ نىمىلەرگە پۇشايمان قىلارمىز ؟ ئاھ ، ھايات ........ھەممە قەدىرلىشلەر ، پۇشايمانلار ، كىچىكىشلەر ئەنە ئاشۇ تۇيۇقسىز كېتىپ قىلىشلاردىن بۇرۇن بولسۇن ، خەيىر !
2015-يىلى 30-دىكابىر بارچۇق
| 115 قېتىم كۆرۈلدى | akkumalika | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-30 17:00:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|