مەيلىمۇ - ئىزھار خالمەمەت

مەيلىمۇ 

 ئىزھار خالمەمەت


 گۈل ئارا بولسا بۇلبۇل كەبى ئىشقىڭدا كۆيسەم مەيلىمۇ،
ئىشقى ئوتى دەردىدىن مەن ئازاب چەكسەم مەيلىمۇ.

سېغىنىپ مەن سېنى يارىم باغقا كىردىم نەچچە رەت،
باغقا كىرسەم كۆرۈنمەيسەن توۋلىۋەتسەم مەيلىمۇ.

تولا ئاھ دەپ كۈندىن -كۈنگە قالمىدى مەندە ماجال.
يايرىم سېنىڭ دەردىڭدە مەن ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىمۇ.

كۆزلىرىمدىن ئۇيقا قاچتى تولا ئويلاپ نىگارىم.
كۈندۈز ماڭا كېچە بولۇپ سەرسان ئۆتسەم مەيلىمۇ.

ئىشىق ئوتى بەك يامانكەن كۈلگە ئايلاندىم بۈگۈن.
سېنىڭ ئۈچۈن يار ئۆزۈمنى قۇربان ئەتسەم مەيلىمۇ.

   2016.11.13
     





99 قېتىم كۆرۈلدى ezhar886 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-13 1:45:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-16 12:16:55 kahar
bak yahxi yizipsan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ