تۈندىكى ھىجران
ئەسقەر قۇربان
ئەتراپ جىمجىت ھەممە ئۇيقۇدا،
ماڭا ھەمراھ كۆكتە تولۇن ئاي،
خىياللىرىم كەزمەكتە ھەريان،
سۇئال سوراپ بىردەم توختىماي.
ۋاراقلىدىم ئۆتمشىمنى مەن،
ئەسلىمىلەر قوينىدا يۈرۈپ،
كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەنتى شىرىن،
ھايات ماڭا باققانتى كۈلۈپ .
تەقدىر ماڭا قىلدىمۇ چاقچاق،
كەتتى نىگار مەندىن ئايرىلىپ.
ھەمراھ قىلدى ماڭا ھىجراننى ،
يۈرۈكىمگە ئازاپلار سېلىپ.
تىكەندەكلا قالدىم يىگانە،
ئازاپلارنى ئىچىمگە يۇتۇپ.
ئۆتەر كۈنۈم ھەركۈنى شۇنداق.
ئاينى سىرداش قىلىپ مۇڭدىشىپ.
مەنبە؛ كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئاقسۇدا يېزىلدى 2016.1.18
272 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-25 18:39:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|