ئانامغا مەدىيە

ئانامغا مەدىيە

 

كىپىنەك

 

ئانا ، مۇشۇ دەقىقىلەردە قەلبىمدىكى سىزگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى ئاتەش بولۇپ يانماقتا، شۇ سەۋەپتىن ئىختىيارسىز قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم.

ئانا، سىز مىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان كۈندىن باشلاپ تۇرمۇش سەھىپىڭىزدە يىڭى بىر بەت ئېچىلدى، يەلكىڭىزنى بېسىپ تۇرغان ئائىلە ۋە خىزمەت بېسىمىڭىزغا يەنە بىر بىسىم قوشۇلدى. ئەمما سىز تەۋرىنىپ قالمىدىڭىز، مەن ئۈچۈن بارچە جەبىر جاپادىن قورىقمىدىڭىز.

 ھىلىمۇ يادىمدا، سەككىز ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى، بىز يېزىدىكى موماملارنىڭ ئۆيىگە چىقتۇق، مەن نەۋرە ئاكاملارنىڭ كەينىگە كىرىپ سىزگە چۆمىلەيمەن دەپ جىدەل قىلدىم ، سىز مىنىڭ كۆڭلۈمنى دەپلا ئامالسىز ماقۇل بولدىڭىز، بىز بارغان خېلىلا چوڭ ئۆستەڭ ئىدى ، مەن كىچىكلىكىمگە باقماي ئەڭ ئالدىدا سۇغا چۈشىۋاپتىمەن، بويۇم پاكارراق بولغاچقا سۇ بوينۇمغىلا كەلدى، بىردەمدىلا نەپسىم قىسىلىشقا باشلىدى، مەن ئاكاملارغا قول پۇلاڭلاتتىم ، تۇيۇقسىز پۇتۇمدا ماغدۇر قالماي سۇغا چۆكۈپ كەتتىم ، ئاندىن نىمە ئىشلار بولغىننى بىلمەيمەن، كۆزۈمنى ئاچسام يېزىلىق دۇختۇرخانىدا ئىكەنمەن، سىز مېنى قۇچاقلاپ يىغلاۋىتىپسىز، ھوشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ ئاندىن يىغىدىن توختىدىڭىز، مەن شۇ دەقىقىلەردە سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.

 چوڭ بولغانسېرى مىنىڭمۇ جىدەللىرىم كۆپىيىپ سىزنى كۆپ قاقشاتتىم، لىكىن سىز قىلچە ۋايسىمىدىڭىز. مەيلى ئۈگۈنۈش ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ماڭا ئىزچىل مەدەت بېرىپ كەلدىڭىز . يالغۇزۇم دەپ مېنى بىشىڭىزدا ئىلىپ كۆتۈردىڭىز، سىز بولغاچقا تۇرمۇشتىكى يالغۇزچىلىقىم بىلىنمىدى، سىز بولغاچقا ھەربىر يىقىلشىمدا ئورنۇمدىن دەس تۇرالىدىم .

ئانا، مەن سىزگە قەرىزدار. ھەربىر غەلبەم سىزنىڭ تۆھپىڭىز ، ھەربىر مەغلۇبىيتىم ئۆزۈمنىڭ سەۋەنلىكى. مەن سىزنىڭ ئالتۇن تېنىڭىزگە ساقلىق ، كۈنلىرىڭزگە شادلىق تىلەيمەن، جەننەت سىزنىڭ تاپىنڭىز ئاسىتىدا ئانا !





472 قېتىم كۆرۈلدى kepiynak ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-26 14:00:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ