نۇرنىڭ قوينى - ئابلىمىت ئابلا

نۇرنىڭ قوينى
ئابلىمىت ئابلا

خۇشال كەلسەڭ پەرىشتەم ماڭا،
روھنى تەندىن  سىزەلمەي قالدىم .
گويا تىنىم مەۋھۇمدەك ساڭا،
قاراشقا ئىمكانسىز ھودوقۇپ سالدىم.

بىرۋاختا قارىسام كۆزۈمنى ئىچىپ،
قاراشلار ئىلكىدەئۆزۆمنى تەس تاپتىم.
دەسسىگەن قەدىمىم ھىلى ھەم ئىسىم،
بىلمەيمەن ساڭا مەن بىرىپلاقالدىم.

شۇۋاخ چىققان لەرزان بىر شامال،
مەيىن ئۆتتى كۆزۆڭنى بويلاپ.
سۆزۆڭدىن دولقۇنجار مىھىر ئۇچقۇنى،
ئەگەشتى شامالغا مىنىلا بويلاپ.

كۆزۈڭگە مەن شۇنداقلا قاراپ،
چۆكۈپ كەتتىم مىھرىڭنى ماراپ .
ئىللىق مىھرىڭ تۇتاشكەن ماڭا،
خۇش بولدى يۈرۈگۈم قانمايلا ساڭا

يىراق كۈيگە ئەگەشتى يۈرەك رىتىمىم،
ھەرتەرەپتىن كەلدى مۇڭ سادا.
قولۇڭ قولۇمدا پەرۋانە قىلىپ،
ئۇچاتتىڭ مەندىكە نۇرنىڭ قوينىدا.

2016.12.5
     





70 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-6 17:21:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ