ئىنسان كىتىدۇ دۇنيا قالىدۇ
ئاپتۇرى:ئابدۇرسۇل ئەزىز
مۇساپىرلىق تۇنىنى كىيسەڭ،
يات شەھەردە غەمدە قالۇرسەن.
چىقىش يولى ئىزدەپ باشقىدىن،
يول تاپالماي سەرسان بۇلۇرسەن.
گۈل پۇرايسەن ئەجىر ئەيلىسەڭ،
پەرۋىش قىلساڭ گۈل-باغ ياسايسەن.
تاشلار ئاتساڭ غېرىپ بېشىغا،
ئۆز-ئۆزۈڭگە لەھەت كولايسەن.
يامان نىيەت بولساڭ باشقىغا،
ئېچىڭ قارا كۆسەي بۇلۇرسەن.
ياخشىلىقتا مىھنەت ئەيلىسەڭ،
ئەل ئالدىدا روناق تاپۇرسەن.
دۇنيا كويىدا ساتساڭ دوستۇڭنى،
يەر قوينىدا قىسىلىپ ياتۇرسەن.
كىم كىملەردىن قالمىدى جاھان،
ئادىل بولساڭ جاھان سورايسەن.
ۋىجدان سېتىپ بايلىق ئىزلىسەڭ،
يۈزۈڭ چۈشۈپ قارا بۇلۇرسەن.
نامراتلىقتا ئاش-توق كۈن ساناپ،
دۈشمەنلەردىن ئاش-نان سورايسەن.
كەڭرى تۇتساڭ قەلبىڭنى ئەگەردە،
شۇ قەلىبكە ئالەم سىغىدۇ.
ئىچى تاردىن بولساڭ ئەگەردە،
بەخىت سەندىن يىراق قاچىدۇ.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى (چارشەنبە سائەت 12:22)
174 قېتىم كۆرۈلدى | rusul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-9 2:28:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|