تاشلاپ كەتتىڭ
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
تاشلاپ كەتتىڭ دەرتلەرگە،
ئازاپ تېغىغا باستۇرۇپ.
ئېلىپ قاچتىڭ يۈرەكنى،
شامال كەبى ئۇچۇرۇپ.
شاتلىقىمنى ئوغۇرلاپ ،
قايغۇ بەردىڭ دىلىمغا .
زىمىستاننى چىللاپسەن،
گۈل ئېچىلغان بېغىمغا .
يىلان كەبى تولغۇنۇپ ،
كېچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق .
تاشلاپ كىتىپ يار مىنى ،
خوشاللىقتىن كۆڭلۈڭ توق.
ئۇچۇپ كەتتىڭ كۆزۈمدىن ،
غۇۋالاشتى چىرايىڭ .
شاتلىق بەردىمۇ بىلمىدىم ،
يېڭى تاپقان نىگارىڭ .
| 163 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-9-8 1:11:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|