ئايال
ئەسقەر قۇربان ئىقبال
ئىدىڭ ئەسلى ئۆيۈڭنىڭ خۇشپۇراقلىق بىر گۈلى،
مېھىر ئىزدەپ تالادىن سولاشتۇرساڭ بولامدۇ؟
ھېس قىلالماي بەختنى ئازاپ تارتىپ ئۆزۈڭچە.
ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ ھەر يان چاپساڭ بولامدۇ؟
بىلسەڭ ئەسلى ئەي ئايال سەن مىللەتنىڭ ئانىسى،
ماڭغان ھايات يولۇڭدىن ئېزىپ كەتسەڭ بولامدۇ؟
يۈرەك پارەڭ بالاڭنى تاشلاپ قويۇڭ بىر ياققا،
ئۆزگىلەرنى يار تۇتۇپ كۈلۈپ يۈرسەڭ بولامدۇ؟
قايرىپ قويۇپ بىر ياققا ئىپپەت غۇرۇر ۋىجداننى،
ھەققى ھالال جۈپتىڭنى ئوسال قىلساڭ بولامدۇ؟
شۈكرى قىلماي كۈنىڭگە «شادلىق» ئىزدەپ ئۆزۈڭچە.
بۇزۇپ ئىللىق ئۇۋاڭنى «دان» ئىزدىسەڭ بولامدۇ؟
ئويلاپ باققىن ئەي ئايال ئايالغۇچى سەن ئەسلى،
بىر يۈرەككە ئىككىنى سىغدۇرۇشقا بولامدۇ؟
قارا ساناپ جۈپتىڭگە «ھوزۇر» ئېلىپ ئۆزۈڭچە،
مانا شۇنداق ياشساڭ تەڭرىم راۋا كۆرەمدۇ؟
ئاقسۇ -كەلپىن
2016.12.2
98 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-8 0:36:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|