شۇنداق ياشاپ ئ‍ۆتكۈم بار

شۇنداق ياشاپ ئۆتكۈم بار

 

ئاپتۇرى: ئ‍ابدۇرسۇل ئ‍ەزىز

 

يامغۇر كەبى سىڭىپ كەتكۈم بار،

 قار- مۇز كەبى قېتىپ كەتكۈم بار،

 شامال كەبى ئۇچۇپ كەتكۈم بار،

 شۇ ۋىسالغا تىزرەك يەتكۈم بار.

 

 بەخىت مەنزىلى ئۇزاقتۇر ئەمما،

 شۇ بەخىتكە تىزراق يەتكۈم بار،

 شىرىن چۈشلەر قۇينىدا مەڭگۈ،

ئويغانماستىن ئۇخلاپ ياتقۇم بار.

 

 چىراق كەبى يۇرۇپ كەتكۈم بار،

 تەبەسسۇمنى ئېنىق كۈرگۈم بار.

 شاتلىق بېرىپ سەبى دىللارغا،

مىھرىم بېرىپ ياشاپ ئۆتكۈم بار.





98 قېتىم كۆرۈلدى RuSuL ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 19:11:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ