ئ‍ىنسان تەزكىرىسى - ئاينۇر ئابدۇكېرىم

ئىنسان تەزكىرىسى

ئاينۇر ئابدۇكېرىم 

ئادەم ئاتا - بىر ئۇچۇم تۇپراق ،
روھ پۈۋلەنگەن ئادىمى سىياق ،
ئۇ ياشىغان جەننەتۇل ماكان ،
ھەم ئۇنىڭغا جۈپ بولغان ھەۋۋاھ 
ئادىمىلىك باشلانغان زامان .

جەننەتتىكى چەكلەنگەن مىۋە ،
بېرىلمىگەن قىلىپ نىسىۋە ،
ھەم  نەپىسنى ئازدۇرغان شەيتان 
شۇنىڭ بىلەن قەلبلەر ئازغان 
بوپ پۈتۈلگەن ئىنسانغا قىسسە .
…………
شۇندىن بېرى باشلانغان ھايات ،
ھەم باشلانغان سېھرى مۇھەببەت
مۇھەببەتكە باغلىنىپ يەنە ،
قەلبلەرگە مەھكۇم بوپ ئەبەت ،
باشلانغانىكەن ئىنساندا ھەسرەت .

باشلانغانىكەن ھەم يەنە شۇنداق ،
جاپا بولۇپ ۋاپاغا قوشماق ،
ئۆتكۈنچى ئۇ ھاياتتا خوشلۇق ،
قايغۇ بىزگە ئۇزاقتىن - ئۇزاق ،
يارالغانىكەن ئەزەلىي شۇنداق .

پۈتۈلگەنىكەن تۇغۇلماق بەرھەق ،
تۇغۇلغانىكەن ئۆلمەك ھەقىقەت ،
بىر تامچە قان - بىر ئۇچۇم تۇپراق ،
تەزكىرىسى ھاياتنىڭ شۇنداق .
ھايات ئۆزى قىيىن بىر سىناق .





38 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍اينۇر ئ‍ابدۇكېرىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-13 0:54:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-3 17:33:21 خۇمارىم
ھەقىقەتەن ئىسىل شېئېركەن ئاپىرىن سىزگە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ