مۇرەككەپ ئىكەن
- ئابدۇۋارىس ئوسمان
كۆل دىسەم بېلىقنىڭ دەپلا قالماڭلار ،
شۇ كۆلدىمۇ تىمساق سوزۇلۇپ ياتار.
بېلىققىلا بەرمەپتۇ كۆلنى خۇدا ،
ھەرخىل جانلىق كۆلدە بېلىقتەك ياشار.
تىمساق بىلىقنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزار،
بېلىق ھەرتەرەپكە تىپىرلاپ قاچار .
تىمساقتەك چىشى بولمىغاچ بېلىقنىڭ ،
مەجبۇر بۇلار تۇرمۇشقاكۈنۇپ ياشار .
لەھەڭ بوۋىسى ئىدىغۇ بېلىقنىڭ ،
نىم بولدى بىلىقلار ئىز باسالمىدى .
ھازىر يىگىنى پوق بولغاچ بېلىقنىڭ ،
لەھەڭ بۇلۇپ تىمساققا چېقىلالمىدى .
بىلسەم ھايۋان تەبىيتى شۇنداق ئىكەن ،
كۈچلىكى ئاجىزنى بوزەك قىلاركەن .
مىڭ ناھەققە بىر ھەق توغرا كىلەركەن ،
ھەقنى بىلمەك شۇڭا مۇرەككەپ ئىكەن .
| 30 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-13 0:32:44 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|