سەھرادىكى يىگانە ئانا
قىزىل تۇمان
ئۈجمە دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا،
ئولتۇردۇ موماي بالىلىرىنى يەنىلا ئەسلەپ.
كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى بۈگۈن سەھەردە،
بىچارە ئانا ئۆز كۆڭلىنى،ئۆزى بەزلەپ .
قارېدى سارغىيىپ ياتقان يوپۇرماقلارغا،
قاراپلا كۆز چاناقلىرىدىن ياش سىرغىدى.
ئۈجمە دەرىخى تۆككەن سارغۇچ يوپۇرماقلار،
موماينىڭ دىل يارىسىنى يەنە تاتلىدى.
قىياس قىلدى موماي تەنھا ، ئۆزىنى بۈگۈن.
قارىدى سارغىيىپ ياتقان يوپۇرماقلارغا.
بىچارە، بوۋىيى ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان،
ئۇ ئېرىشەلمىدى ھاياتتا، خۇشاللىققا.
ئۇنى باللىرى ئاي يىللاپ يوقلاپ كەلمەيدۇ،
پەقەتلا ئۇنىڭغا ھەمرا،ئۆيدىكى مۈشۈك.
دىلى ئاغرىسا يىغلايدۇ ئۇزۇن تۈنلەردە،
سېزىدۇ ئۆزىنى ئانا، بەزىدە ئۆلۈك .
باللىرنى كۆرگۈسى كېلىپ ئەلبۇمغا قارار ،
خۇددى باللىرى «ئاپا»دەپ چىقىدىغاندەك.
پۇشۇلداپ بىغەم ئۇخلايدۇ بۇلۇڭدا مۈشۈك ،
ئۇ موماينىڭ ئازابىنى بىلمەيدىغاندەك .
ئۈجمە دەرىخى تۆكۈپ بولغان يوپۇرماقنى ،
ئايلاندى بىر يالىڭاچ قاقشال دەرەخكە .
مومايمۇ قىياس قىلدى ،ئۆزىنى ئۇشبۇ دەم ،
يالىڭاچلانغان قاقشال بىر ئاشۇ دەرەخكە .
توغرا ئۈجمىمۇ ئايرىلدى باللىردىن شۇ دەم ،
مومايمۇ دەل شۇنداق كۈنگە قالدىغۇ ئەجەپ .
كۆڭلىنى ياساندۇردىغان ھېچكىم كەلمەيدۇ ،
قۇرۇتتەك غاجايدۇ ئازاپ ، ئىچىنى ھەسرەت .
ئۇنىڭ باللىرىمۇ بۈگۈن كەلمەيدۇ چوقۇم ،
بىراق ئانا ئۈمىد بىلەن قارار يولىغا .
ئۈچ ئوغۇل ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بۈگۈن ،
ئىشەنىچ ئۈمىد بىلەن ئانا قارار يولغا .
بۇ يىلمۇ قىش كەلدى سوغۇق ئۇچقىرتىپ يەنە ،
تۆشۈك كۆزنەكتىن سوغۇق بىمالال كىرمەكتە .
مۇزلىدى بەك سوغۇق موماي ،سوغۇق دەستىدىن ،
باللىرى ئىسسق ئۆيلەردە بىغەم يۈرمەكتە .
ئاھ،ئاسانمىدۇ باللىرنى قاتارغا قوشۇش ؟
بىراق شۇ باللار چۈشەنمەس ئانا كۆڭلىنى .
سەھرادىكى ئاشۇ يېگانە تەنھا ئانا ،
ساقلايدۇ بىر ئۆمۈر يەنە ئاشۇ باللىرىنى .
شۇنچىلىكمىدۇ ئاشۇ باللاردىكى مېھىر ؟
ئانا كۆيەركەن بالىغا ،بالا بىغەمكەن .
مېھىر مۇھەببەت دېگەنمۇ شۇنداق بولامدۇ؟
ھەقىقەت، سەھرادىكى ئانا تەنھا ئىكەن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىڭ
98 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-3 20:43:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|