خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ قايسىسىغا بولۇشاي ؟؟
ئانام دەيدۇ خوتۇننى كۈندە سەھەر تۇرمايدۇ،
قورسىقىمىزغا بىزنىڭكى ناشتىلىقنى قىلمايدۇ ،
خوتۇن دەيدۇ بالامنىڭ كىيملىرنى كەيدۈرۈپ ،
ئۆينى تازلاپ بولغىچە كۈن چۈش، بوپ قالىدۇ ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ قايسىسىغا بۇلۇشاي ؟؟
مەن دېدىم ئانامغا ناشتىلقنى سەن قىلغىن ،
ھېچ بولمىسا ناشتىلىققا چاي بولسىمۇ دەملىگىن ،
ئانام ماڭا سەت قاراپ ،خوتۇنۇڭغا بۇلۇشتۇڭ ،
ئۈچ كۈن ئۆتمەي ئۆيدىنمۇ مېنى قوغلاپ چىقارغىن ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ قايسىسىغا بۇلۇشاي ؟؟
مەن دېدىم خوتۇنغا ناشتىلىقنى سەن قىلغىن ،
بالامنىڭ كىيمىنى ناشتىلىقتىن كېيىن كىيدۈرگىن ،
دېدى خوتۇن ماڭا ،قاپىقىنى سەت تۈرۈپ ،
تۆمۈر ئەمەس بۇ جېنىم ،بولدى خېتىمنى بەرگىن ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ قايسىسىغا بولۇشاي ؟؟
تۆت كۈن ئۆتمەي ئۆيۈمدە چىقتى بەكمۇ چوڭ جېدەل،
خوتۇن دەيدۇ بۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىڭنى، قىلمايمەن،
بەرگىن خېتىمنى ئۆز ئۆيۈمگە كېتىمەن بالام بىلەن،
ئەگەر ئالسام خېتىمنى ، بالىنى ھەرگىز بەرمەيمەن ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ قايسىسىغا بۇلۇشاي ؟؟
ئانام دەيدۇ كەتسەڭ كەت كۆزۈم كۆرمىسۇن سەندەكنى،
كەتسەڭ ئېلىپ بېرىمەن ئوغلۇمغا، ئاسماندىكى ئايلارنى ،
سەن بولمىغانغا ئۆلمەيدۇ مېنىڭ جېنىم ،مېنىڭ ئوغلۇم ،
كەتسەڭ قاراپ تۇرئەكىرىمەن كېلىن قىلىپ، ئىشچان قىزنى،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ، قايسىسىغا بولۇشاي ؟؟
خوتۇن كەتتى ئۆز ئۆيىگە نەرسە كېرەكنى يىغشتۇرۇپ ،
قاراپ تۇردى ئاناممۇ خوتۇنۇمغا قول قوشتۇرۇپ ،
كۈندە ناشتىلىقنى قىلدى ئانام ، ھەپتىمۇ كەتتى ئۆتۈپ ،
كۆرگۈسى كەلدى نەۋرىسنى ئەكەل دېدى كۆيۈنۈپ ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ، قايسىسىغا بولۇشاي ؟؟
باردىم خوتۇننىڭ يۈرىكىگە ياندۇرۇپ كەلگىلى بۈگۈن،
بالام چىقتى ئالدىمغا يۈگۈرۈپ ، تاتلىق كۈلۈپ،
يالۋۇردۇم خوتۇنغا كېتەيلى دەپ ، بىر ھازا تۇرۇپ.
نەرسە كېرەكنى يۇغۇشتۇرۇپ، ماڭدۇق ئۆيگە شات كۈلۈپ ،
خوتۇن بىلەن ئانامنىڭ، قايسى ساڭا بولۇشاي ؟؟
| 145 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-24 17:03:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|