سېغىندىم (ناخشا تىكىستى) - نۇرئەلى

سېغىندىم

نۇرئەلى (ئېلى) بەڭۋاش

شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى كەزدىم ،
نىگار سىنىڭ ۋەسلىڭ تاپاي دەپ.
ئۆتتى ئايلار ئۆتتى قانچە يىل ،
باغرىڭغا مەن ئۈزۈم ئاتاي دەپ .

ئەسلەپ سىنى ھەر كۇن ھەر كىچە،
ئۇيقىدىنمۇ بىدار بولدۇمغۇ  .
ماڭا ھەمرا ئاشۇ سۆرىتىڭ ،
ئۇشبۇ ھەسرەت باغرىم تىلدىغۇ.

سەنمۇ مىنى ئىزلىگەنسەنمۇ ،
بىللە يۇرگەن باغلارنى كىزىپ.
گەرسېغىنساڭ كۆزياش قىلغانسەن،
مەن سېغىنسام يۈرەك ئۆرتىنىپ .

ھاياتىم دەپ باغرىڭ باسامسەن ،
گەر ئۇچرىشىپ قالساق ناۋادا .
شۇكۇنلەرنى ئەجەپ سېغىندىم ،
كۆيدى يۈرەك  ئوتلۇق  لاۋادا .

2017-3-15          (جىڭجۇ )
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى  18699883886





181 قېتىم كۆرۈلدى 20150220 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 20:22:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-4 1:25:06 ئەكبەر
ئېسىل
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ