يالغۇز يۈرەك
شېئىر ئاپتۇرى باي ناھيىسدىن تاھىرجان ھېيىت مەجنۇن
كۆيگەن يۈرەك كۆنگەن يۈرەك ،
يايرىم يوقتى سېنىڭدىن بۆلەك .
كۆيگەن يۈرەككە يايرىم ئىشەنمەي،
ئۆچۈردۈڭ ئۆزەڭ ئېرىگەن شامدەك.
بىلسەڭ نىگارىم يۈرەك يىغلايدۇ ،
ئەمدى يۈرەككە دەتلەر سىغمايدۇ.
ئازاپ ئىچىدە مۇزلىغان يۈرەك،
ساختا سۆيگىگە قايتا يانمايدۇ .
كۆيگەن بۇ يۈرەك سۆيگۈ بۇ يۈرەك ،
سېنى بەختىم دەپ تىلىگەن تىلەك .
ئازاپ ئىچىدە ئۆلگەن يۈرەككە ،
پۇشايمان قىسمەت بولارمۇ يۈلەك .
جىمجىت يۈرەكنى كۆيدۈرگەن ئۆزۈڭ،
شاتلىققا چۆمگەن سېنىڭمۇ قەلبىڭ .
كۆيگەن يۈرەكنى يايرىم چۈشەنمەي ،
ئايرىلىپ ئەمدى مۇزلىدى قەلبىم .
كۆيگەن يۈرەك كۆنگەن يۈرەك ،
ئازاپ ئىچىدە ئۆلگەن يۈرەك .
نە ئازابلار سىغماس ئەمدى ،
يارسىز يۈرگەن يالغۇز يۈرەك .
2017 - يىلى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
ئۈرۈمچى شەھىرى
| 67 قېتىم كۆرۈلدى | majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-11 23:19:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|