ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس (شېئىر) - ئالمىرە توختى

 ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس
ئالمىرە توختى


ئۈستىگە ئارتسىمۇ تاۋار ھەم دۇردۇن،
بانكىدا بولسىمۇ پۇللىرى نۇرغۇن.
بېشىدىن ئۆتسىمۇ ئىسسىق ۋە جۇدۇن،
ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس.

ئەي ئىنسان چىرايغا قىلمىغىن ھەۋەس،
گۈزەللىك پەقەتلا چىرايىدا ئەمەس.
چىرايىغا چاي قويۇپ ئىچكىلى بولماس،
ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس.

ئادەمگە قاراپ قىلغىن سەن ۋاپا،
بولمىسا ئەكىسچە كۆرىسەن جاپا.
چىرايىغا قاراپ بەرمىگىن باھا،
ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس.

ئالدىڭدا يۈرسىمۇ تۈلكىدەك كۈلۈپ،
تالايدۇ گۈشۈڭنى ئارقاڭدىن يۈرۇپ.
بەرسىمۇ سەن ئۈچۈن ھەتتاكى ئۈلۈپ،
ۋىجدانى بولمىسا ئىنسان ئاتالماس.

ئاپتۇرى:ئالمىرە توختى
2017-3-5
     





53 قېتىم كۆرۈلدى almira ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-6 6:26:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ