ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئېيىتقانلىرى - ئاتىكەم ئەيسا

ئوغلۇمغا 

 

 ئاتىكەم ئەيسا

 

ئوماق ئوغلۇم، مانا بۈگۈن خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى. سىنىڭ بايرىمىڭ – يەنە كىلىپ بالىلىقىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق بايرىمىڭ. مانا بۇ يىل دەل 13 ياشقاكىردىڭ، سەبىي بالىلىقىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ، نەۋقىران ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن.  بالا ئىدىڭ، شۇنچىلىك ئوماق، شوخ، كەپسىز بالا ئىدىڭ، مانائەمدى يىگىت بولىسەن! مىللەتنىڭ، جەمئ‍ىيەتنىڭ، ئاتا ئاناڭنىڭ زور ئۈمىد، ئارزۇئارمانلىرى زىممەڭگە يۈكلەنگەن نەۋقىران يىگىت بولىسەن.

 بىلگىن ئوغلۇم، يىگىتلىك بىر ئوغۇلنىڭ ئەڭ ئىسىل چېغى، نەۋقىران ياشلىقىڭنى قەدىرلە، ئۇكەتسە قايتا كەلمەيدۇ. ياشلىق باھارىڭدا ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىڭ بىلىم ئۆگىنىش بولسۇن، ئوغلۇم! بىلىم ئۇ ئىنساننىڭ كۆك قەھرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىشىدىكى بىر جۇپ قانات. ئىسىڭدە بولسۇنكى قانىتى قاتمىغان قۇش كۆك قەھرىدە ئاداققىچە قانات قاقالمايدۇ. بۇ ئېسىل ياشلىق باھارىڭدا سەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىسەن ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىشىڭ مۇمكىن. شۇ ئىرىشكىنىڭنى ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ھىممىتىكەن دەپ شۈكرى قىلىشنى بىل. يوقاتقىنىڭدا تەقدىرنىڭ پىشانەمگە پۈتكەن قىسمىتىكەن دەپ قۇبۇل قىلىشنى، كۈلۈپ تۇرۇپ رېئاللىققا يۈزلىنىشنىمۇ ھەم بىلگىن، ھەم يەنە شۇ نەرسە ئېسىڭدەبولسۇنكى ھاياتلىقىڭدا ئىرىشىشىنى ئەمەس، ئىرىشتۈرۈشنى كۆپرەك ئويلا! ئىرىشتۈرۈشنى بىلسەڭلا تەبىئىي ھالدا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئۆزەڭمۇ ھېس قىلمىغان دەرىجىدەئ‍ېرىشىدىغانلىقىڭغا شەكسىز ئىشەنگىن!

 بىلەمسەن ئوغلۇم! ياشلىق باھارىڭ ساڭا مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەت يۈكىنى يۈكلەش بىلەن بىرگە سۆيۈش سۆيۈلۈشنى، مۇھەببەت نەپرەتنى ئۆگىتىدۇ. ياشلىق باھارىڭ ھەم ساڭا شۇنداق بىر ئۆتكۈنچى شىرىن ھېسلارنى ئاتا قىلىدۇ. سەن دەسلەپ ئۇنى مۇھەببەت، ياخشى كۈرۈش دەپ ئويلاپ قالىسەن. بۇھېسسىيات سەندىلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر نورمال يىتىلىۋاتقان ئادەمدە بولىدىغان ھېسسىيات. بۇ ۋاقىتتا سەن گاڭگىراپمۇ قالما، ئۆزۈڭنىڭ نورمال بىر يىگىت بۇلۇپ،يېتىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلسەڭلا بولدى. ئەمما ئالدىراپ ھىسسىياتىڭ توغرىسىدا قارار چىقارما. بۇلۇپمۇ ھازىرقى يېشىڭدا سىنىڭدە يىتىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۈرۈش ئەمەس، ئۇ بىر قىزىقىش. خۇددى يات بىر يېڭى ئويۇنچۇقنى كۆرگەن كىچىك بالا شۇنى ئويناپ بېقىشقا قىزىققىنىغا ئوخشاش. مۇھەببەتمۇ ھەم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ ساڭا قويغان سىناق سوئاللىرى. ئۇ بىرئۆتكۈنچى ھىسسىياتتىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭدىن قانداق ئايلىنىپ ئۈتۈش سېنىڭ ئەقىل پاراسىتىڭگە، ئىرادە ئېتىقادىڭغا باغلىق ئ‍ەلۋەتتە. شوڭا ئالدىراپ باشقىلارغا سىزنى ياخش كۆرىمەن دىمە.  مەسئۇلىيەتچان بول. مۇھەببەتنىڭ ئۈزى بىر مەسئۇلىيەت. سەن ھازىرقى يېشىڭدا ئالدىراپ ئېيىتقان بۇ بىرئېغىز سۈزۈڭ ئىرادەڭنى بوشاشتۇرۇپ، روھىڭنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپلا قالماستىن، سەن چاقچاق قىلغان ئاشۇ قىزنىڭ ئىنسانى پەزىلىتى، قىزلىق قەدىر قىممىتىگە زىيان يەتكۈزمىسۇن! كىشلەر ئالدىدىكى ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلمىسۇن! مۇھەببەتكە ھەرگىزمۇ ئويۇن ئورنىدا مۇئامىلە قىلما. ئۇنداق بولمىغاندا يىگىتلىك غورورىڭغا دەز كېتىدۇ. 

 سەن بىر يىگىتسەن ئوغلۇم! كەلگۈسىنىڭ ئاتىسى، ناتىۋان قىزلارنىڭ يۈلەنچۈگى بولمىش بىر يىگىتسەن. شۇڭا قىزلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى قانداق قوغداشنى بىلگىن. ھەرقانداق بىر قىزغا ئۆزۈڭنىڭ بىر قورساق قېرىندىشىڭدەك،بىر قورساق ئاچا – سىڭلىڭدەك مۇئامىلە قىل! ئۇلارنى ئاپاڭنى ھۈرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىل. ھەرگىزمۇ ئۇلارنى خالىغانچە بىر ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرمە! بىلگىن ئوغلۇم، ئۆزۈڭ بىلەن تەڭتۇش قىز ئاياللارنى ھۆرمەتلەشنى بىلگىن. ئىسىڭدە بولسۇنكى ئۆز ئاپىسىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلار بىر ئوغۇل ھىسابلانسا، ئۆز ئايالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلالىغانلارپەقەت بىر ياخشى ئەر ھىسابلىنىدۇ. پۈتۈن قىز ئاياللارنى ئۆز ئاپىسىدەك ھۆرمەت قىلالىغانلارلا ھەقىقىي ئەر ھىسابلىنىدۇ، ئوغلۇم. شوڭا قىز ئاياللار ئالدىدا ھاياسىز بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىشتىن، بىنورمال تەلەپلەرنى قۇيۇشتىن قاتتىق ساقلانغىن.ئېسىل پەزىلەتلىك قىزلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان، يامان يوللارغا كىرىپ قالغانلارنى كۆرگىنىڭدە دادىل كۆكرەك كېرىپ چىقىپ، ئۇلارنى يامان يولدىن تارتىپ چىقىرالايدىغان مەردانە يىگىت بول. ئەگەر مۇشۇ يېشىڭدا بىرسىگە كۆڭلۈڭ چۈشكىنىدە، ئۇھېسسىياتىڭنى يۈرىكىڭدە ساقلا، ئالدىراپ ئاشكارىلىما. ئەگەر ئۇ بىر ئۆتكۈنچى ھېسسىيات بولسا،ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتىسەن. ئەگەر ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولسا تېخىمۇ پىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن شېىخىدىن بالدۇر ئۈزىۋەتكەن مېۋىنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىيالمايسەن!

بىلسەڭ ئوغلۇم جاھاندا يۇشۇرۇن كۈيۈشتىن ئ‍ارتۇق ئازاپ يوق، بىراق يىگىتلىك غورور ۋە ئىرادەڭ بىلەن چىدىساڭلا ئۇنى ھامان يېڭەلەيسەن.مانا بۇ ئازاپتىن كېيىنكى لەززەت سەن ئ‍ۆمۈرلۈك ھوزۇرىنى سۈرىدىغان ئەڭ شىرىن لەززەت! باشقىلارغا ئالدىراپ «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دىمە. «ياخشى كۆرىمەن» دىيىشتىنن بۇرۇن يۈرىكىڭنى تۇتۇپ باق. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزۈڭگە ئىشەنگەندەك ئىشىنەلەمسەن، مۇھاببىتىڭ بىر دەملىك ھېسسىياتىڭ ئۈستىگە ئەمەس، چۇڭقۇر ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسۇن. چۈنكى ئىشەنچ مۇھەببەتنىڭ ئاساسى.

 بىلەمسەن ئوغلۇم، ئاساسى ئاجىز بىنانىڭ ئۆمۈرلۈك قەد كۆتىرىپ تۇرالمايدىغىننى، يىلتىزسىز دەرەخنىڭ مەزمۇت سايە تاشلاپ تۇرالمايدىغىنىنى...........! مۇھەببەت سەپىرىڭدەسەندىن قاچقانلارنى قوغلاشتىن قورقما! ساڭا تەشەببۇسكار بولغانلارغا ئالدىنىپ قالما. ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئالدىڭدا شۇنچە تەشەببۇسكار بولغانلار بەلكىم يەنەباشقىلار ئالدىدىمۇ شۇنداق تەشەببۇسكار بولالايدۇ.

بىلىمەن ئوغلۇم،جەمئ‍ىيەت تەرەققىي قىلدى. كىشلەرنىڭ ئېڭى تەرەققىي قىلدى. شۇنىڭغا ئەگشىپ كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت قارىشى تەرەققىي قىلدى. بەزىلەر دەيدۇ، ياخشى كۈرۈش گۇناھ ئەمەس،ئ‍وغۇللار ياخشى كۆرگەننى ئىزلىسە بولىدىكەن، قىزلار ئىزدىسە نېمىشقا بولمايدۇ؟ توغرا ئوغلۇم، ئىنسانلىق نوقتىسىدىن قىز ئوغۇللار باراۋەر، ئەمما مۇھەببەت، ئەخلاق نوقتىسىدىن ئالغاندا قىزلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ئۇ بىر باراۋەرلىك ئەمەس. ئەكسىچە غورورسىزلىق، ھاياسىزلىق. غورورى كەمتۈك، شەرمى ھايانى بىلمەيدىغان بىر قىز قانداقمۇ غورورلۇق بىر يىگىتكە ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولالايدۇ. بىلەمسەن ئوغلۇم، قىزلار غورورى ۋە شەرمى ھاياسى بىلەن ئەزىز ھەم قەدىرلىكتۇر.

 شۇ نەرسە ئىسىڭدە بولسۇنكى غورورسىز قىزلار تەربىيەلىگەن ئەۋلاتلارمۇ ئەلۋەتتە ئۈزىگە ئوخشاش بولىدۇ. ئەۋلادىڭنىڭ غورورسىز، شەرمى ھاياسىز بۇلۇپ قېلىشىنى ئۆزۈڭمۇ خالىمايسەنغۇ دەيمەن. چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھەمرايىڭ بۇلۇپلا قالماستىن كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىڭنىڭ ئانىسى، تەربىيچىسى. ئەمما غورورسىز، ھاياسىزلارنى كۆرگەندە يىرگىنىپ قاچما،مىھرىڭ بىلەن، سەمىمىي دوستلارچە ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقىن. ئۇمۇ ھەم كەلگۈسىنىڭ ئانىسى، مىللەتنىڭ ئانىسى. ئۇلارنى ساڭا ئوخشاش مىللەتنىڭ ئ‍اتىسى بولمىش نەۋقىران يىگىتلەر ئۆزگەرتمىسە كىم ئۆزگەرتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزگەرمىسەمىللەت قانداقمۇ ياخشى ئىللەتلەر تەرەققىي قىلالايدۇ؟ ئىسىڭدە بولسۇن ئ‍وغلۇم. ھەردائىم ئەقىل ئىدراكلىق، ئىمان ئېتىقادلىق، غەيرەت جاسارەتلىك، مىھرىۋاپالىق، سەمىمىي ساداقەتلىكنى ئۆزەڭگە مىزان، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزەڭگەمەسئۇلىيەت دەپ بىل. ئۆز مىللىتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمايدىغان يىگىتلىكنىڭ ھىچقانداق قەدىر قىممىتى بولمايدۇ.ئۆز مۇھاببىتىڭنى قانداق قوغداشنى، قانداق ئاسىراشنى بىلگىن. سەن ئاسرىمىغان نەرسىنى ھىچكىم ئ‍اسىرىمايدۇ. مۇھەببىتىڭنى ئاسىرىغىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەرلىك غورورىڭنى ئاسىرىغىنىڭ ئ‍وغلۇم. مۇھاببەتتە ئەقلىڭ ھىسسىياتقا قوماندان بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ ھىسسىياتىڭ ئ‍ەقلىڭنى قۇل قىلمىسۇن!

ئ‍ەڭ ئاخىرىداساڭادەيدىغىنىم ئوغلۇم، غورورلۇق بول، ھاكاۋۇر بولما. ئېغىر بېسىق بول، بىپەرۋا بولما.مۇھاببەتلىك بول، ئالا كۆڭۈل بولما. ئېرىشكەن مىھرى مۇھەببىتىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىل، ماختانچاق بولما. ئىرىشتۈرەلىگىنىڭدىن ئىپتىخارلىنىشنى بىل، مىننەتلىك بولما.جاسارەتلىك بول، قىزىققان بولما. خوش خۇي بول، چاكىنا بولما!....





416 قېتىم كۆرۈلدى ئاتىكەم ئەيسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-2 22:55:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-5 9:35:45 guzalnur
uygr anineg ogleneg tugulgan kunidan ... namlek asarne okup hux boldum....!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ