تەتىل توشۇپ

تەتىل توشۇپ

 

 ئ‍ارزۇگۈل ئ‍وسمان

 

دەم ئ‍ېلىشلار تۈگەپ كەتتى تەتىل توشۇپ،

 ساياھەتلەر ئ‍اخىرلاشتى تەتىل توشۇپ،

 بارار يەرلەر چالا قالدى بارالماستىن،

 يۈرەكلەردە ئ‍ارمان قالدى تەتىل توشۇپ.

 

 ئ‍ۆگىنىشتە ئ‍ۆتتى تېخى ئ‍ىيۇل ئ‍ېيى،

ئ‍از كەلگەندەك ئ‍اۋغۇستتا ئىمتىھان غېمى،

 ئ‍الدىراشلا ئ‍ۆتتىغۇ تەتىلنىڭ تېڭى،

سۇنالمىدۇق پۇت -قولنىمۇ تەتىل توشۇپ.

 

 ئ‍اياللىرىمىز ئ‍وچاق بېشىدا قازان تۇتۇپ ،

 ئ‍ۆي تازىلاپ ،بەزەن تېخى كىر-قات يۇيۇپ،

 قانمىغانتۇق ئ‍ۆيلىرىمىزدە مېھمان كۈتۈپ ،

تالاي مېھمان كېلەلمىدى تەتىل توشۇپ.

 

 ئ‍ۈزۈلمەستىن ھەر تەرەپتىن باغاق كېلىپ ،

 توي -تويلارغا چىللىغاندا ناغرا چېلىپ ،

 سەت تۇرمامدۇ بارمىساق <كۆڭۈل>ئېلىپ،

 ھاردۇقنىمۇ ئ‍الالمىدۇق تەتىل توشۇپ.

 

شۇندىمۇ زارلىمايمىز ئوقۇتقۇچى بىز،

 سەبىيلەر قەلبىنى ھەم يورۇتقۇچى بىز،

ئ‍ەل ۋە ۋەتەن يولىدا قالدۇرۇپ كۆپ ئ‍ىز،

 چۈشۈپ كەتتۇق خىزمەتلەرگە تەتىل توشۇپ.

 

 2015.يىلى8.ئاينىڭ23

كۈنى كەچ سائەت 11:25ئ‍ۆتكەندە يېزىلدى





142 قېتىم كۆرۈلدى arzu313 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 8:54:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ