ئىغىۋا ئامبىرى - ئابلىمىتجان ۋاھاپ

 ئىغىۋا ئامبىرى

ئابلىمىتجان ۋاھاپ (تەنھا تۇرنا)

كوچىلاردا يالغۇز يۇرسەڭ تەنھاكەن دەيدۇ،
لايىق ئىزدەپ تاپالمىغان سەپىراكەن  دەيدۇ.
قىز يىگىت بىرگە ماڭسا سەت كۆزدە قاراپ.
ئەسلىدىنلا ئەخلاقسىز،ئىپلاسكەن دەيدۇ.

دوسىت ئاغىنە تۇتماي ئۆتسە ساراڭكەن دەيدۇ،
ئاغىنىسىنىڭ سۆيگىنىنى ئاشنىسىكەن دەيدۇ.
پەرۋا قىلماي،ئاز سۆزلىسە مۆرىمەسكەن دەيدۇ،
جىق گەپ قىلىپ شوخ يۇرسە داپ يۇزكەن دەيدۇ.

خىراجىتىنى ئاز قىلساڭ لەقىمىڭ سىنىڭ پىخسىق ،
ئۇندىن كىيىن ئىيتقان گەپ ھەممىدىن سىسىق.
تاماقنى كۆپ يىسەڭ تىخى ئاچكۆزكەن دەيدۇ،
خىراجەتنى كۆپ قىلساڭ بەتخەجكەن دەيدۇ.

كىيىمىگە توپا قونسا تخى مەينەت تاز دەيدۇ ،
يۇيۇپ پاكىزە كىيسە ئاندىن سۆلەتۋاز دەيدۇ.
بەزىبىرلىرىمىز بار ئاندا ئارىمىزدا پىتنە ئىغىۋاچى،
ئاقنى قارا،ئىگىزنى پەس،باھارنى  ياز دەيدۇ.


     





64 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 13:54:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ