زارلىنىش
قادىر ئابلەت
يۈرەكلىرىم يىغلايدۇ قان-قان،
ئۆزۈم كۈلۈپ تۇرغىنىم بىلەن.
كۆڭلۈم ھىچبىر ئەمەس جايىدا،
چاندۇرماستىن يۈرگىنىم بىلەن.
تاغدەك ھەسرەت باستى يەلكەمنى،
بەخىت تىخى مىنىڭدىن يىراق.
ئۆز-ئۆزۈمگە بىرىپ تەسەللى،
كۈلۈپ يۈردۈم شۇندىمۇ بىراق.
تەسەللىيگە مۇھتاج شۇ قەدەر،
پۇچىلانغان بۇ غىرىپ كۆڭلۈم.
كىم چۈشىنەر بۇ قەلبىمنى دەپ،
كۈتۈش بىلەن ئۆتمەكتە كۈنۈم.
چىدىيالماي دەرت-ئەلەملەرگە،
ياشلار تۆكتۈم بەزىدە پىنھان.
ئۇندىن باشقا ئاماللار يوقتۇر،
تۇرسا ئىنسان يالغۇز يارالغان.
2016-1-9 خوتەن
| 120 قېتىم كۆرۈلدى | قادىر ئابلەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-16 23:53:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|