تۇغۇلغان كۈنى ئاتامنىڭ - نۇرمۇھەممەت مۇسا

تۇغۇلغان كۈنى ئاتامنىڭ 

نۇرمۇھەممەت مۇسا


  بۇندىن ئاتمىش يەتتە يىل بۇرۇن ،
تۇغۇلغانكەن شۇنداق بىر كىشى .
خوشال بولوپ ئاتا -ئانىسى ،
قالمىغانكەن قىلمىغان ئىشى .

كەڭ قورساقلىق ،ئەخلاق بابىدا .
نەمۇنە بوپ ياشاپتۇ ئۇ  زات .
تەربىيەلەپ سەككىز بالىنى ،
چىكىپ جەبىر -جاپانى قات -قات .

پەرق ئەتكۈزۈپ ئاقنى -قارىنى ،
باتىل ئەمەس ھەقنى بىلدۈرۈپ .
باللىرىنى قىپتۇ ياراملىق ،
ئەل -ۋەتەنگە خىزمەت قىلدۇرۇپ .

دەقىقىدە ئۈشبۇ مۇبارەك ،
تەۋەللۇتى بوپتۇ يەنە بىر .
توغراق يېشى ياشىغاي ئامىن !!!،
جەمەتىمىز چوڭى بىردىن – بىر .

كىم ئۇ دەمسىز قېرىندىشىم بۇ ؟ ،
غەم گۇزارىم تاغىم ئاتامدۇر .
پەخىرلىنىپ دەيمەن ھەممىگە ،
دەل بۇ كىشى مىنىڭ ئاتامدۇر .

نۇرمۇھەممەت مۇسا

2016-10-8
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن پاسىبانىم يۆلۈگۈم ئاتا
     





242 قېتىم كۆرۈلدى نۇرمۇھەممەت مۇسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 19:01:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-14 0:40:52 ئىمران
بارلىق قەددى تاغ ئاتىلار ئامان بولسۇن
2016-10-11 2:34:21 زەھرا سۇلتان
نۇرمۇھەممەت موسانىڭ بو ئەسىرنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى يارقىن ئپادىلىنىپتۇ مەن بەك ياقتۇردۇم
2016-10-10 20:10:52 ئاق گۈل
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ . يارايسەن 👍👍👍👍👍👍👍👍
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ