ۋەتەن
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
تامايىم يوق،نامى- شۆھرەتتىن،سۆيسەم بۇ ۋەتەنىمنى،
ۋەتەن قوينى ھەم جەننەت،مۇقەددەس تۇپراقى جانىمدۇر.
ئۇلۇق تارىم،زەرەپشانىم،جانغا راھەت گۈلىستانىم.
زېمىستان-قىش،قوياشلىق ياز،گۈزەللىكتە باھارىمدۇر،
دۇنيانىڭ بايلىقى يۇرتۇم،ھەممە ياقى پۈتۈن كاندۇر،
تۈگۈمەيدۇ قازساڭمۇ،خەلقىمگە ھەم شەرەپ-شاندۇر.
تۇپراقنى تۇتىيا بىلسەڭ،پۈتۈن جاھانغا لازىمدۇر،
جىمى ئالەمگە داڭ كەتكەن،ئىلىم-ئىرپانىدە كاندۇر.
تەڭرى تاغىم بۇلات قۇرغان،ئەل ئۈچۈن باغرى كەڭ ياغدۇر،
چۆلى ئەلا،گۈلىستاندىن،گىياسى مۈشكى ئەنبەردۇر.
فونتان بۇلاق سۇلىرىڭ ئاقتى شۇنداق ھەۋزە كەۋسەردۇر،
ۋەتەن دىسەم جاھاندا شۇ سېنىڭدەك ھەم ۋەتەن يوقتۇر.
قەسەم بىللا،ساداقەتتە ھەم ئۆزەمنى ساڭا ئاتتىم،
ئىشەنچەم شۇ ئۈمۈدۈمسەن،ھەممە ئىشتا ساڭا باقتىم.
سۆيۈپ سېنى ھوزۇر ئالدىم،گۈزەللىكتە ماڭا ياقتىڭ،
ئىلىپ ئىلھام ھاياجاندىن،ۋەتەنىم دەپ ساڭا باقتىم.
-ئەل شىپائى 2016-يىلى
252 قېتىم كۆرۈلدى | abduraxit | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-4-7 23:41:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-10 20:35:19 | aygul |
yahxi yezipsez aka kuligngzga dat barmisun tihimu tirxing。xundakla salamatlekengxni asrang |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|