مۇساپىر

مۇساپىر 

 

 ئوخشىمايدۇ تەلەپپۇز،  ھەتتا تىخى تامىقى،

 ئ‍ۆزگىچىدۇر ئەنئەنە،  تۇتقان ئ‍ۆرۆپ-ئ‍ادىتى،

ئ‍ۆز يۇرتىدەك يوق تىخى،  تاتلىق سۈت-قايمىقى.

 بۇندىن ئارتۇق دەرت-ئەلەم،مۇساپىرغا بامىتى؟

 كۆنمەي يوق ئ‍امال-چارە، كۆنىدىكەن مۇساپىر.

 

ئ‍ىسىل كۈن دەم ئ‍ىلىش،ھىيت-ئايەملەر كەلگەندە ،

 يىقىنلىرى بىر- بىرلەپ ئۆيلىرىگە كەتكەندە .

 ئ‍ائىلىنى سىغىنىش يۈرەكلەردىن ئ‍ۆتكەندە ،

 جەم بولارمىز يىقىندا، پۇرسەتلەرگە يەتكەندە.

 دەپ ئ‍ۆزىگە تەسەللى، بىرىدىكەن مۇساپىر . 

 

 تىرىكچىلىك غىمىدە كۆپ جاپالار تاتقاندا ،

 بەزىلەردە بازاردا گازىر- پۇچاق ساتقاندا .

 ئ‍الغا باسماي تىجارەت باشلار تازا قاتقاندا،

 تەن ئ‍اجىزلاپ بەزىدە كىسەل بۇلۇپ ياتقاندا.

 كۆمىگەننى ئۆلگىدەك ، كۆرىدىكەن مۇساپىر .

 

كۈچەيگەشكە تىخىمۇ يۇرتقا بولغان مۇھەببەت،

 شۇ سەۋەپتىن يۈرەكلەر،تاتتى كۆپلەپ ئ‍ەلەم-دەرت،

 مۇساپىرغا يۇرتىنى سىغىنماق بىر ھەقىقەت،

 شۇ يۇرتىغا قايىتماق نىسىپ بولمىغاچ پەقەت.

 كۆڭۈل يىرىم ھەر دائىم يۈرىدىكەن مۇساپىر . 

 

 مانا شۇنداق ھەر دائىم كۆڭۈل يىرىم يۈرسىمۇ،

 گاھى يىغلاپ گاھىدا مەجبۇرلاچە كۈلسىمۇ .

 كۆپ جاپالار ئ‍ىچىدە مىڭ تىرىلىپ ئ‍ۆلسىمۇ ،

 بۇنچىۋالا دەرتلەرگە ئاچچىقلاشنى بۈلسىمۇ ،

بارچە ئ‍ىشنى تەغدىردىن كۆرىدىكەن مۇساپىر .

 

 باسقان قەدەم ئەلۋەتتە، خاتا يولدا بولمىغاچ،

 قەلىپ ئ‍ەمەس غەپلەتتە، قاراڭغۇغا تولمىغاچ.

 ئ‍ىرادىسى مۇستەھكەم ،بوشاشمىغاچ-سۇلمىغاچ،

ھەممە ئ‍ىشنى پەقەتلا سىناق دەپلا ئ‍ويلىغاچ .

سەۋىر قىلىپ يەنىلا ،چىدايدىكەن مۇساپىر .

 

ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى

 2015.6.6 شەنبە

 چ چ نۇمۇر : 2805558168





200 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-25 18:54:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-2 12:16:33 subinur
bak yahxi yizipsiz . tihimu tirixig
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ