ئانا - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

ئانا 

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


  پەرزەنت دەپ بەللىرىڭ مۈكچەيگەن ئانا
پەرزەنت دەپ تىزلىرىڭ پۈكۈلگەن ئانا
چېھرىڭدە كۈلكە يوق كۆزلۈرۈڭ نۇرسىز
پەرزەنتىڭ قۇت تاپسا سەن كۈلگەن ئانا

ئاتغان بارىڭنى پەرزەنتكە ھايات چېغىڭدا
ئەمەسمۇ پەرزەنتنڭ جەننىتى ئاياغ ئاستىڭدا
گۈل ئاچار سەن بولغاچ زىمستان-قىشمۇ
قارغىشلار تۇتماس مېنى بولساڭ يېنىمدا

تۇنجى رەت ئانام دەپ چىققانكەن تىلىم
تۇنجى رەت دىلىمغا سالغانسەن بىلىم
شۇنچە مۇڭ ئاڭلىنار سىنىڭ ئەللىيىڭ
شۇڭىمۇ نەچچە رەت ئاڭلاپ قالمىدىم

شەنىڭگە ئۇلۇغلاپ مىڭ داستان پۈتسەم
كەتمسەڭ يېنىمدىن قۇت تېپىپ كۈلسەم
ھاياتتا ماڭا شۇ بەخىت-ئامەت ئەمەسمۇ
شەربەتلەر سۇنۇپ ساڭا خىزمەتتە كۈتسەم

     





63 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 22:25:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ