يالغۇزلۇق - سەيپىدىن ئامۇت

 يالغۇزلۇق

سەيپىدىن ئامۇت

شۇ پېتى يالىڭاچ يىگانە ئازاب،
شۇ پېتى قاراڭغۇ كېچىنىڭ جېنى.
شۇ پېتى دەريادەك ئاقىدۇ كۆز ياش،
شۇ پېتى سۆيۈملۈك جاناننىڭ ئىسمى.

تۆت تامنىڭ ياداڭغۇ جىسمىدۇر خاراب،
تىپتىنىچ ھەسرەتلىك كۆلەڭگەم يالغۇز.
رەنجىككەك خىياللار ۋاتىلدار تىنماي،
ئىچىمنىڭ ئىچىدە قەھرىلەيدۇ مۇز.

ئۇزاقتىن ئۇزاققا جىمجىتلاندىن سۆز،
كۈلكىنىڭ ئىسسىقى كەتمەكتە سوۋۇپ.
ئىستىدىم ھېچ قەيەر ھېچبىر ئاۋازنى،
بەرىبىر ئۇلارغا سېلىنغان قۇلۇپ.

چىراقنىڭ ياۋا رەڭ چىرايى ئۆچتى،
پۈتۈن كۈچ ئاجىزلىق جېنىمغا پاتقان.
يەنە شۇ تۆت تامنىڭ يالغۇزكەشلىكى،
مېنىڭدىن يالغۇزلۇق دەشتى تالاشقان.


2016.19 نويابىر
     





94 قېتىم كۆرۈلدى BAHET ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 16:40:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ