سېغىنىش ئوتى - -تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)

  سېغىنىش ئوتى

بىر ئاي بولدى ھېچ كۆرمىدىم دىدارىڭ،
سېغىندىم مەن تەبەسسۇملۇق روخسارىڭ.
ئۇچراشقاندا بېقىشقانتۇق قېنىشماي،
خۇشاللىقتىن گەپكە كەلمەي زۇۋانىم.

ھېچ يادىمدىن چىقماس بولدى ئاشۇ كۈن،
كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەس ھەتتا تۈن.
شۇ چاغدىكى كۆزلىرىڭنى ئەسلەيمەن،
سېغىنىشتا يىغلىۋەتتىم سېلىپ ئۈن،

مۇھەببەتنىڭ ھىدى بىلەن مەسىت قىلىپ،
باغلىۋاپسەن يۈرۈكۈمنى تۇيدۇرماي،
مۇمكىن بولسا ئۆتەر ئىدىم سەن بىلەن،
سۆيگۈمىزنىڭ غۇنچىسىنى سۇندۇرماي،

ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەلمىدىم بېغىڭدا،
كۆرەلمىدىم سېغىنغاندا قېشىمدا،
كۆزلىرىڭگە قارىۋالاي تويغۇچە،
سىنىڭ بىلەن دىدارلاشقان چېغىمدا...

---تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)
--2016-يىلى8-ئاينىڭ 6-كۈنى(شەنبە)
     





31 قېتىم كۆرۈلدى tunsagul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-7 0:51:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ