يىللار رەھېمسىز
ماھېنۇر ئابدۇرھېم
ئۇھ ! قاچانلاردا چۈشكەن قورۇقلار ، ئاقارغان چاچلار بۇ .ئۆزۈممۇ سېزىپ سەزمەي قېران يېشىمدا مەن . يىگىت بوپ كەتكەن ئوغلومغا قارىغىنىمدا قەلبىمدە بارچە ئانىلاردا بولۇشقا تىگىشلىك بولغان ئاجايىپ بىر خىل ھاياجان پۈتۈن جىسمىمىنى لەرزىگە سالماقتا . تۇرۇپلا بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم . مانا 30يىل بۇرۇنقى مەن قېنىمغا پاتماي ، ھاياتنىڭ سىرلىرىنڭ تېگىگە يېتەلمەي توختىماي ئانامدىن سوئال سورايدىغان ، بەرگەن جاۋاپلىرىدىن قانائەت ھېس قىلمايدىغان ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىللىىمنى ھەممىنى بىلىدىغان ، ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەۋلىيا بىلىپ ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغېز سۆزى ھەر بىر ھەركىتىنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلپ توختىماي سورايدىغان ،ئىزدىنىدىغان كەپسىز مەن . بىزنىڭ ئائىلە كۆپ بالىلىق چوڭ ئائىلە ئىدى .مېنىڭ ئۈستۈمدە بەش ئاكام بولغاچقىمۇ ئۇلارنىڭ كۈزۈمگە قارىشى بىلەن مەن تولىمۇ ئەركە چوڭ بولغانمەن .ئەشۇ قىيىن يىللاردا ئۇلار ئۆزلىرى يىمىسىمۇ ماڭا بىرەتتى ، مېنىڭ خۇشلۇقۇمنى ئىزدەيتى .
دىمەك مەن بالىلىقىمغا بەكمۇ قېنىپ چوڭ بولغانمەن . مانا بۈگۈن مەنمۇ باشقا ئانىلاردەك ھەممىگە كۆنگەن ، ھەممىگە پىشقان ھەم ئايال ھەم ئانىمەن .يىللار تولىمۇ رەھىمسىز ئىكەن . بىلىمەن بالىلىقىمغا قايتالمايمەن .ئەمما باللىرىمنى بالىلىقىغا قاندۇرالايمەن يىللار رەھېمسىز بولسىمۇ ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان مېننەتلىرىدىن چەكسىز مىننەتدارمەن.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 136 قېتىم كۆرۈلدى | ماھېنۇر ئابدۇرھېم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-5-27 13:34:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|