يېنىڭدىكى مەن

يېنىڭدىكى مەن

 

سەيپىدىن ئ‍امۇت

 

 سۆيدۇم سېنى دىلدىن ئ‍ىختىيار،

 قىلمىغايسەن ئ‍ەقىدەمنى خار.

 گەركى ئ‍ېچىپ كۆرگۈچى بولساڭ،

 يۈرۈكۈمدە پەقەت سەنلا بار.

 

 بىرلا دانە ۋۇجۇدۇمدا سەن،

 بارلىغىمنى ئ‍ۆزۈڭگە ئ‍ۇتقان.

 ئ‍ۆركەش ياساپ سەن گويا تامام،

غورۇرۇمدا ئ‍اققان قىزىل قان.

 

سىياقىڭدا ھۆرلەر ئ‍ۈزىدۇ،

 گۈزەللىكىڭ ھىلالغا ئ‍ەنداز.

 مەن ئ‍ىشقىڭدا يۈرگەن ئ‍ارمان قۇش،

ئ‍ەتراپىڭدا قىلىمەن پەرۋاز.

 

 كۆزلىرىمدە كۆزلىرىڭ ئ‍وينار،

قاراقلار ئۇ ئ‍ۇچراشقان ۋاقىت.

 بىلگىنىڭدە يېنىڭدىكى مەن،

 سۆيگۈڭ ئ‍ۈچۈن يارالغان يىگىت.

 

 2015.3 ئ‍اۋغۇست





138 قېتىم كۆرۈلدى 1727758308 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 9:35:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 15:14:51 alimjan
Nahayti yahxi yiziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ