خوپ بولدى 
رۇزىھاجى «بارچۇق»
كۆيمىگەنگە كۈيۈپ مانا خوپ بولدى ،
سۆيمىگەننى سۈيۈپ مانا خوپ بولدى .
كۆرمىگەننى كۈرۈپ مانا خوپ بولدى .
شىرىن خىيال سۈرۈپ مانا خوپ بولدى .
ئاغرتساڭ گەر يۈرەگىمنى بوپتۇ دەپ ،
كۈلۈپ يۇرسە ھەرۋاقىت دەپ غېمىڭ يەپ ،
ئۇغۇل بالا لەۋزىم ھالال گىپىم -گەپ ،
گەپلىرىمدە تۇرۇپ مانا خوپ بولدى .
تۇتۇلسا گەر نىگارىمنىڭ چىرايى ، 
تۇساتتىنلا رەنجىپ قالسا ئۇ گاھى ،
نەگە بارسا سايىدەك مەن ھەمراھى ،
كەل دىگەندە ئۈنۈپ مانا خوپ بولدى .
ئۈزەمدە بار رەنجىمەيمەن سىنىڭدىن ،
نەپ تۈگدى يا زىرىككەنسەن مىنىڭدىن .
ئەزىز كۆرگەن ھەتتا سىنى جېنىمدىن ،
خۇيلىرىڭغا كۈنۈپ مانا خوپ بولدى .
2017-3ئاپرىل 
مارالبىشى
      
| 102 قېتىم كۆرۈلدى | mupattix | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-4 7:41:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-4-6 5:21:59 | مۇپەتتىش | 
| بۇ تىكىستنى ئىشلىتىدىغانلا ئالاقلىشىڭلا 13279887264 ئۇندىدار 527561335 | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |