مۇھەببەت تىۋىشلىرى - مەمەتجان سامساق
مۇھەببەت تىۋىشلىرى 

شىئېر 
ئاپتۇرى- مەمەتجان سامساق 

نۇرانە كۈزلۈرىڭ بىر ئەزىم دەريا ، 
پاك سۆيگۈ شاۋقۇنى دولقۇنلاپ ئاقار·
مېھىرلىك شۇقەلبىم ۋىلىقلاپ كۈلۈپ ،
مۇھەببەت سۈزۈڭگە تەلمۈرۈپ باقار ·

قاشلىرىڭ گوياكى بەتلەگلىك ئوقيا ،
باغرىمغا سانجىلار خىيالغا چۆكسەم ·
كىم تىڭشار مەجنۇننىڭ ئازاپقا تولغان،
لەيلىگە ھەسرەتلىك دەردىنى تۆكسەم ·

شۇنچىلىك مېھىرلىك يارالغان ئۆزۈڭ ،
قەلىب قەسىرىمنىڭ شاھى سۇلتانى ·
ئەڭ ئۇلۇغ سۆيگۈمگە مۇناسىپ كەلگەن،
ھاياتىمنىڭ گۈلشەنى بەخىت بوستانى ·

لەۋلىرىڭ گوياكى سۆيگۈ ئەلچىسى،
سۆيىدۇ لىۋىمگە چاندۇرماي ئاستا ·
يۈرۈكۈم زوقلىنار خىيالغا چۈمۈپ ،
مۇڭ لىرىك رىتىمدا مەنمۇ تۇيماستا ·

تەلمۈرۈپ باقىمەن يۇلۇڭغا ھەرچاغ،
قاچانمۇ ۋەسلىڭگە يىتەرمەن جېنىم ·
شۇ تاتلىق سۆيگۈڭگە بولدۇم ئىنتىزار ،
باغاش ئەت باغرىڭدا يايرىسۇن تېنىم ·

ئاشىقلىقتىن شائىرلىق كېلەر دۇنياغا ،
سۈيۈملۈك يايرىنى سېغىنىپ تۇرۇپ·
كۈتىمەكتىمەن ۋەسلىڭگە بۇلۇپ ئىنتىزار،
باغىڭدا سايرايدىغان بۇلبۇلۇڭ بۇلۇپ ·


مۇھەببەت بىر بۇلاق ئاشىق يۈرەكتە،
مۇھەببەت بىر ۋولقان كۆيگەن يۈرەكتە·
مۇھەببەت كۈيچىسى ئەيلىدى ئىزھار،
مۇھەببەت تىۋىشى، سۆيگەن يۈرەكتە·

مۇھەببەت دىلىڭدا بولسا ھەر زامان،
سۆيگۈ نۇرى قەلبىڭنى يۇرىتار تامان،
مېھرى بىلەن كۆڭلۈڭنى ئىللىتار ھامان·
مۇھەببەتنى خار كۆرمە ئىنتايىن يامان·



ئاپتۇرى:- ئاقسۇ شەھىرى قارتال بازىرىدىن مەمەتجان سامساق 
تېلفۇن ئالاقە ئۈندىدار نۇمۇرۇم - 15599755288 





235 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-2 9:00:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-4 16:44:14 تۇرغۇنجان.
بۇ شېئىر بەك ياخشى بوپتۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ