سېلىپ قويدۇڭ يۈرىكىمگە ئوت
تۇرسۇن ئىمىن شەيدايى
مەن يالغۇزلۇق تارتتىم قولۇم تۇت ،
غېرىپلىقتا يۈرمەي تەمتىرەپ .
سېلىپ قويدۇڭ يۈرىكىمگە ئوت ،
ئاھ ،ئاشىقلىق يامانكەن ئەجەپ !
ئاھ ،ئاشىقلىق يامانكەن ئەجەپ
بىل :سېغىنچىم ياسىدى قىيان .
دىدار ئىزدەپ ۋۇجۇدۇم تىترەپ ،
زەپ قىينىدى جېنىمنى پىغان .
زەپ قىينىدى جېنىمنى پىغان ،
تەشنالىققا سالالماي تېزگىن .
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ھەر ئان ،
تالجىقماقتا كۆزلىرىم ھارغىن .
تالجىقماقتا كۆزلىرىم ھارغىن ،
كەل ئامرىغىم باس باغرىڭغا چىڭ .
باغاشلىشىڭ نىشان سۆيگۈدىن ،
ئاقسۇن ماڭا ئاياۋسىز مېھرىڭ .
ئاقسۇن ماڭا ئاياۋسىز مېھرىڭ ،
يايرىسۇن دىل سۆيۈشلىرىڭدىن .
تاڭ ھۆسنىدەك نۇرلانغان چېھرىڭ ،
بەلگە بەرسۇن كۆيۈشلىرىڭدىن !
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
| 2582 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-14 20:39:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|