{مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن}
ناخشا تىكىستى:
ئۆزگىلەرنى كۆرگەن چىغىڭدا،
مىنىڭ بىلەن يۇرمەيدىكەنسەن.
بىلىپ يەتتىم بۆگۈن سىرىڭنى،
مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن.
كۆيۈپتىمەن زارلىنىپ ساڭا ،
بەرمىسەڭمۇ كۆڭلۈڭنى ماڭا.
يۈرۈپتىمەن خارلىنىپ ساڭا،
مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن.
تاشلاپ كەتتىڭ يادنى چوڭ بىلىپ،
زار ئەيلىدىڭ يۈرەكنى تىلىپ.
يۈرسەممۇ گەر سىنى يار بىلىپ،
مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن.
ھامان بىر كۈن ۋەيرانە بولۇپ،
سۆيگۈگە زار دىۋانە بولۇپ.
يىغلىساڭمۇ كەچۈرمەس ئىگەم،
يۈرەكلىرىڭ قان ياشقا تولۇپ.
شۇنچە قىلدىمغۇ مەن سەن ئۈچۈن،
تىرىشتىمغۇ بەختىمىز ئۈچۈن.
چۈشەنمەيسەن بۇنى سەن نىچۈن،
مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن.
مەن سۆيگەندەك سۆيسەڭ بولمامدۇ،
يار قەدرىمنى بىلسەڭ بولمامدۇ.
بەختىمىزگە كۈلسەڭ بولمامدۇ،
مەن سۆيگەندەك سۆيمەيدىكەنسەن.
ئاپتۇرى:پەرھاتجان تۇردى«قوشراپى»
بۇ ناخشا تىكىستى:2015-يىلى 7-ئايدا .ياش ناخشىچىمىز .رەھىمجان ئابدۇقەييۇمنىڭ ئىجادىيەت قىلىشىغا بىرىلىپ ئوقۇلۇپ بولغان .مۇزىكىلق قوڭغۇراق رەت نۇمۇرى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ:9077525406
ئەڭ يىڭى ئىجادى ناخشا تىكىستى لازىم بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ پەرھاتجان تۇردى«قوشراپى»
چ چ ئۈندىدار-2591242829 تىلفۇن-15909043804
2605 قېتىم كۆرۈلدى | bulak0998 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-26 14:18:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|