ئۈچ بۈرجەكلىك مۇھەببەت
ئەسقەر قۇربان
چاغلاپ سېنى پەرىشتە سۈپەت،
بىرىپتىمەن كۆڭۈل ئالدىراپ.
بىلگىنىڭدە ئىچكى سىرىڭنى،
سەن يۈرۈپسەن ئۆزگىگە قاراپ.
ئۆزگىلەرگە بىرىپسەن كۆڭۈل ،
مەپتۇن بولۇپ ساختا سۆيگۈگە.
ھامان بىركۈن ئالدانغىنىڭدا،
سەن يىتەرسەن سۆيگۈم قەدرىگە.
ئۇمۇ ئاشىق باشقا بىرىگە،
تەلمۈرىدۇقاراپ ئۆزگىگە.
قىينىغاندا ھىجران ئازابى،
ياش ئالىدۇ پات_پات كۆزىگە.
مەن سەن ئۇ تەشنا سۆيگۈگە،
بىراق سۆيگۈ بىزدىن يىراقتا.
سۆيگۈ ئۈچۈن يانغان بۇيۈرەك،
قىينالماقتا ھىجران پىراقتا.
مەنبە: كۈندىلىك خاتىرەمدىن
| 203 قېتىم كۆرۈلدى | ikbal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-28 14:17:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|