ئەرۋاھ چۈشى
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
كىم ئۇچرىسا سورايمەن :
- ئېسىمنى كۆردۈڭمۇ ؟دەپ.
ئۇمۇ مەندىن سورايدۇ :
-سەندىكىسى مېنىڭمۇ ؟ دەپ.
ئاۋات رەستە ئادەملەر تولا.
تونالمايمەن ھېچكىمنى.
چۈنكى ،
مېنىڭ خاتىرەم چالا.
ئۆچىرەتتە سالام ساقلايمەن -
كۆرۈشۈشكە نەدىكى چولا......
مەن سايەمنى قوغلايمەن.
سايەم مېنى ئىزلەيدۇ.
سايەم قېنى ،
مەن نەدە ؟
ئارىلىشىپ كەتتۇق.
مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينىغان مەھەللەدىن،
ئايرىلىپ كەتتۇق.
قىيسايغان بىنانىڭ كەينىدە ،
مومامنىڭ ھاسىسى قىيسىيىپ قاپتۇ.
توۋا ، دەيمەن -
خوشنىمىزنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ،
توي كېچىسى دەججالغا ئايلىنىپ قاپتۇ.
ئالدىرايدۇ قۇياش كېتىشكە...
دالدا ئىزلەر ئايمۇ مۆكۈشكە...
پويىزنىڭ تاپىنىدىن ئۈنۈپ چىققان
چىغىر يولدا كۈتۈمەن ئۆتمۈشنى.
| 62 قېتىم كۆرۈلدى | arislan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-15 18:34:58 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|