دوستۇم (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

دوستۇم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئىزدەپ تۇرساڭ گاھىدا،
دوستۇم ئىكەن دەپتىمەن،
تېلېفون قىلساڭ يىغسىراپ،
قويۇن ئېچىپ قويۇپتىمەن.

بىلمەي تۇرۇپ راست-يالغان،
ئالدىنىپ كىتىپتىمەن،
قەسەم قىلساڭ ئاھ ئۇرۇپ،
ئومۈرلۈك دوست دەپتىمەن.

كاچاتلىساڭ يۈزۈڭنى،
چىدىماپتۇ يۈرۈگۈم،
تېپىشلىساڭ قېينىلىپ،
دەرتمەن دوستۇم دەپتىمەن.

قىشتىن چىقىپ ئۆزگۈرۈپ،
قۇياشىڭنى تاپتىڭمۇ،
نۇمۇس يوقمۇ سىنىڭدە،
ئويلاشمايلا كەتتىڭمۇ.

ئويلىغىنسەن نۇمۇسنى،
ئەسلەپ باققىن ئۆتمۈشنى،
يەنە كەلسە قەھىرتان،
توڭدۇرامسەن ئۆزۈڭنى.

دوستلۇق دېگەن مۇشۇنداق،
بولسا مەن قانداق چىداي،
ئېچىڭ-ېشىڭ ئوخشىسۇن،
كىتىپ قالغىن يول بىرەي.

ئادىمىيلىك بولمىسا،
دوستلۇق دېگەن قۇرۇق گەپ،
گۈل سۇنۇشنى بىلمىسەڭ،
مېنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەت.

ئامەت ساڭا يار بولسۇن،
قەدىرلىگىن ئۆزۈڭنى،
يەنە ئىزدەپ كەلمىگىن،
پۇرالمايمەن گۈلۈڭنى.
     





52 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 12:02:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ