شاراپ - ئەخمەت ئەمەر
شاراپ 

كەل شاراپ مۇڭدىشاي بىرلاسەن بىلەن،
تولدۇرۇپ قەدەھنلىق ھەسرىتىم كەبى .
سەنمۇ تۆك مەنمۇھەم دەرتلەر قالمىسۇن،
بىرلاسەن مەڭگۈگ ئۆزگەرمەسشەيئى .

كەل شاراپ مۇڭدىشاي بىرلاسەن بىلەن،
بۇكېچە قەلبىمنى باغاشلاپ قويغىن .
نىگارىم بولغىنسەن مەن بولاي يارىڭ ،
غەمباسقان يۈرەكنى بىرسۆيۈپ قويغىن.

كەل شاراپ مۇڭدىشاي بىرلاسەن بىلەن،
دەردىمنى ئېپ كەتكىن مېھرىڭنى بېرىپ .
ۋەياكى خوش دىمەي ئىچەي كۆتۈرۈپ ،
سەنلام قال قەلبىمدە مەڭگۈ ساقلىنىپ .

كەل شاراپ مۇڭدىشاي بىرلاسەن بىلەن،
ساز ئەيلەپ يۈرەگىم چەككىن تارىنى .
كۆزيېشىم تامچىغان بۇلاقدۇر سۈيۈڭ.
قەي قىلىپ سىلكىتمە يۈرەك باغرىمنى،


كەل شاراپ مۇڭدىشاي بىرلاسەن بىلەن،
ئەرتىگە قالمىسۇن ئازاپ ، دەرتلىرىم .
ۋاپاسىز يار بولما سەنمۇ ئىنساندەك ،
تۆككۈنۈم ھەممىسى يۈرەك ھەسرىتىم .

ئەخمەت ئەمەر
2016/4/15




34 قېتىم كۆرۈلدى ئەخمەت ئەمەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-22 1:27:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ