ئاھ قېزلىرىم
ئاھ، قېزلىرىم
 
 ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ئاھ،مېنىڭ ئۇيغۇرۇم، قېزلىرىم سىلەر،
بۇ جاھاننىڭ گۈلى ــ شەيداسى سىلەر.
 
خۇش پۇراق چېچىپ، دايىما سىلەر ھەم ،
قەلىب گۈلخانىنىڭ رەناسى سىلەر.

سىلەرسىز ھاياتنىڭ لەزىتى بولماس،
خاندانىمىزنىڭ گۈلتاجىسى سىلەر.

چېچەك ئاچمايدۇ سىلەرسىز بۇ ھايات،
گۈلىستانىمىزنىڭ سەركىسى سىلەر.

زەپ چىرايلىق شۇنداق گۈلىستانىمىز،
خۇش رەيھانى شۇنداق ئۆزگىچە سىلەر.

قەدىرلەپ ئۆتىمىز دايىما شۇڭا،
ۋەتەن بوستانىنىڭ زىننىتى سىلەر.
 
ــــ شىپائى 2016-يىلى 10-يانۋار




193 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-10 16:57:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ