مۇھەببەت
دىلبەر ئەخەت قەشقەر
مۇھەببەت بۇ سۆزنى يازغىچە قانچىلىك ھاياجان ۋە ئازاب بىلەن يىزۋاتقىنىم بىر ئۆزۈمگە ئايان .
سىنى كۆردۈم يەنە بۇرۇنقىدەكلا ھاياجان ۋە جىددىيچىلىكنى ھەمرا قىپ سەن بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۆزۈمنى شۇنچە تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ يەنىلا تىلىم كالۋالىشىپ گەپلىرىم قولاشمايۋاتاتتى ، بۇنى سەنمۇ ھىس قىلغانسەن بەلكىم ، چاندۇرماي يەر تىگىدىن ساڭا تويماي قارايتتىم قارايتتىم قارىغانچە سەن بىلەن گوياكى بىر جان بىر تەن بوپ كىتۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. كۆزۈم سەندىن باشقىنى كۆرمەيتتى، دەل شۇ چاغدا ماڭا گەپ قىلىپ دىقىتىمنى بۆلۋەتمىگەن بولساڭ شۇ خىياللار ئىلكىدە مەستەك ئولتۇرىۋىرشىم مۈمكىنتى.
ئارىدىن شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ قىلچە ئۆزگەرمىگەن بۇ كۆڭلۈم سىنى كۆرگىنىمدىن خۇشال بولسا ، نەچچە سائەت ياكى ئۇنىڭغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سەندىن ئايرىلىدىغىنىنى ئويلاپ ئازابلىناتتى ، مانا ھەش پەش دىگۈچە ئايرىلىش مىنۇتلىرنى يەنە كۈتىۋالدىم، يۈركۈم سەندە قالدى 2كۆزۈممۇ سەندە قالدى. بىراق سەن بۇلانى ھىس قىلالمىدىڭ ئاددىيلا سالام بىلەن خوشلۇشۇپ كىتىپ قالدىڭ ، ماڭا دىگەن ھەر بىر ئىغىز ئاددىي سۆزۈڭمۇ مەن ئۈچۈن قىممەتلىك مۇھىم سۆز بولۇپ قەلبىمگە مارجاندەك تىزىلغان ئىدى.
ئۆيگە كىرگىچە كۆرشۈپ ئايرىلغىچە ماڭا دىگەن ھەممە سۆزۈڭنى يادلاپ ئۆز ئۆزۈم بىلەن پاراڭلاشتىم. بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى قايتا بىشىمدىن ئۆتكۈزگىنىمگە ھىچ ئىشەنگىم كەلمەيتتى. بۇ كۈن ماڭا يەنە قاچان نىسىپ بولىدۇ بۇنى بىلمەيمەن ، پەقەت ۋە پەقەت كۈتىمەن خالاس .
377 قېتىم كۆرۈلدى | دىلبەر ئەخەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-31 23:12:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|