ئۇنتىدىڭمۇ
قەلبىنۇر ياسىن
ئۇنتىدىڭمۇ بىلـمىدىم ھېچبىر خەۋەر بەرمەيسەن ،
جاندىن ئۆتتى سېغىنىش بۇنى ئەسلا بىلـمەيسەن .
مەۋجۇتلۇقۇم بەرىبىر ئەسلەپ قوياي دېمەيسەن ،
يۈرەكلىرىم لەختە قان بىر ھال سوراپ قويمايسەن .
شۇنچە ئۈمىد قىلساممۇ يانىمغا بىر كەلـمەيسەن ،
يۈرەكلىرىڭ تاشمۇ يا ئازراق ئېرىپ قويمايسەن .
ئۆزگىلەرگە شۇنچىلىك پەرۋانە بوپ يۈردۈڭسەن ،
نېچۈن ماڭا بىرەررەت خۇش چىرايلار ئاچمايسەن .
مەيلى جېنىم سېنىڭدىن رەنجىمەيمەن بىلگەيسەن ،
پەقەت ساڭا خۇشاللىق بەخىت ئامەت تىلەيمەن .
نەھاجەتتۇر رەنجىشلەر يۈز يىل ئۆمۈر كۆرمەيمەن ،
بۈگۈن ھايات يۈرگەنلەر ئەتە بارمۇ بىلـمەيمەن .
      
| 39 قېتىم كۆرۈلدى | قەلبىنۇر ياسىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-13 0:59:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |