ئۆلۈمگە يىقىنلشىش
خۇمار (يامغۇر)
يالغۇزلۇق ھەققىدە نۇرغۇن ھىكايىلەرنى بىلمەن،
دىرىزىنىڭ يارقىن شولسغا تىكىلىپ قارايمەن،
كەل ،مىنىڭ جاراھەتلرىمنى تېىتىپ ئوينىغۇچى ،
كەل ،مىنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى تاماشا قىلغۇچى ،
ئىچمدىكى مەلۇم بىر يەردە ،
بىر رومكا ھەسرەتتەك ...
بىر توپ ئەسەبىي خىياللارنى ئوقۇيمەن....
نۇرنىڭ ئۆچكەنلكىنى كۆرۈپ قالدىم ،
ئۆلۈمنىڭ ھەيۋىسنى سزىپ قالدىم ،
ئاھ، ئۆلۈمنى كۆرۈپ قالدىم ،
ئۇ يىقىنلاۋاتاتتى ....
نەپەس ئېلىۋاتقان ....
تىكىلىۋاتقان ....
سۆزلەۋاتقان ....
كۈلۈۋاتقان ....
يىغلاۋاتقان ....
قەلبى سوۋۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ،
ھەممىسى تۈگەيدۇ دەۋاتاتتى ....
تۆۋۋە دىدىم ....
تۆۋۋە دىدى ئېغىزىم ...
ياق ،تۆۋۋە دىدى يۈرىكىم ....
تۆۋۋە دىدى نەپەس ئىلىۋاتقان ھەممە يىرىم ....
بەلكىم ، كىچىككەندىمەن ...
ياراتقۇچىنىڭ ئالقىندىكى كىچككنە جىنمنى ئىلىپ قاچالمايدىغانلقمنى تۇنۇپ يەتتىم ...
بەلكىم ، ئادەملەر تىنىق ئىلىۋاتقان كوچىلاردا ،
ئۇنتۇپ قالارمەن ھەممىنى ...
پەقەت ، دەقىقە ئالدىدا،
يىقىنلاشتم ئۆلۈمگە بىر قەدەم ...
2016-يىل 2-دىكابىر.غۇلجا
| 29 قېتىم كۆرۈلدى | yamgur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-12 23:04:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|