سۆيگۈ - سەيپىدىن ئامۇت

سۆيگۈ

 

سەيپىدىن ئامۇت

 

يۇلتۇزلارنىڭ ئ‍اراچلىرىدىن،

 جۇلا ئ‍ۇرغان بىر نۇرسەن گويا.

 چەكسزلىكتە كۆكسۈمدىكى ھېس،

 قۇۋۋىتىڭدە ئ‍اچتى ئ‍ىشتىھا.

 

ئ‍ېھ!گۈل بەدەن نەقەدەر ھۇزۇر،

 ئ‍ەتلىرىمگە تۆكۈلۈشلىرىڭ.

 يۇلۇپ ئ‍الدى مېنى پىغاندىن،

 قاراقلاردىن يۇلقۇنۇشلىرىڭ.

 

 غېرىپلىقتىن يىمرىلدى سۆيگۈ،

ياراقلاندى كۈچەيدى جېنى،

 ھەيۋىسىدە جان بەردى، ئ‍ىسسىق،

 قاراڭغۇلۇق، قاندۇر يەنە نى.

 

 كۆكسۈمىزنى ئ‍وراپ يەر-ئاسمان،

 ئ‍ىچ-ئىچىدىن قىلىشماقتا زوق.

نەپەسلەر بەس تەنتەنە ئ‍ىچرە،

 كېچىلەرگە ئ‍ېتىشماقتا ئ‍وق.

 

 زەخمە ئ‍ىچرە قەھرىتان ئ‍ەمدى،

 بۇرۇن ۋاستە ئ‍ىشلەتكەن قەبىھ.

نۇسرەت قۇچتى باھار بۇ نۆۋەت،

 تەبەسسۇم بەر يار بولغۇچى ئ‍ېھ!

 

 قارا ھىجران سۈرگۈن قاقاسقا،

 كىشەنلىنىپ كېتىشتى بىردىن.

 سۆيگىمىزدىن قۇرىدى چۆللەر،

 مۇزلۇقلارمۇ ئ‍ۆلۈۋالدى جىم.

 

 2016.26 فېۋرال





116 قېتىم كۆرۈلدى سەيپىدىن ئ‍امۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-28 13:59:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ