كەيپ ۋەھىمىسى
ھەبىبۇللا نوھ ئەسرار
كەلگىنە بۈگۈنكى غېرىپ ئۆلپىتىم،
ئىچەيلى ئۈمۈدسىز شاراپنى بىللە.
غەرق مەس بولسامكەن بۈگۈن كېچىمۇ،
بەختنىڭ قاتىلى مۇڭداشسا تۈندە.
يۇقۇسام كەيىپتە ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ،
ئۆلۈمگە چاقىرسا بىللە مەن كىتەي.
ئىپ كەتتى ئانامنى پەرىشتە كىلىپ،
دوزاققا كىرسەممۇ خۇشنا بۇپ ئۆتەي.
بۇ دۇنيا جاھالەت قاپلىغان ئەمەس،
ئەمما مەن غېققىدە ئىچىمەن شاراپ.
قىنى كىم ئۆلپىتىم ئۆلۈم بىلەن تەڭ،
سايىداپ مەن بىلەن ئىچىدۇ شاراپ.
29 قېتىم كۆرۈلدى | asrar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-1 13:46:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|