قەبرەمگە بار (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 قەبرەمگە بار
مەمەتجان سەمەت

كەتمە دېسەم كېتىپ تاشلاپ،
ئەقىدەمنى  بىلمەي  خارلاپ.
يوقاتتىڭسەن شوخ كۈلكەمنى،
چىن مۇھەببەت بەرمەي ئالداپ.

جاندىن ئەزىر كۆرگەن ئىدىم،
چىن دىلىمدىن سۆيگەن ئىدىم.
ئەپسۇس ماڭا ۋاپا قىلماي،
غەملىرىڭنى كۆپمەن يىدىم.

ئەلۋىدا خوش يار ئامان بول،
بەخت تىلەپ كۆتۈرەي قول.
مەنسىز ياشاپ ئۆتۈپ خۇشال،
تاپقىن ۋىسال ھەم داغدام يول.

يەپ قالغاندا دىلىڭ ئازار،
يادىڭغا مەن يەتكەندە يار.
كىلەر بولساڭ گەر يېنىمغا،
ئىزدەپ مېنى قەبرەمگە بار.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ

     





236 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-30 20:48:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-31 5:33:03 timtas
بەك ياخشىيىزىلپتۇ،باكلا مەنىلىك ئكەن مەن بەك ياختۇدۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ