ھەسەت قىلما دوستۇڭغا (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ھەسەت قىلما دوستۇڭغا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

ئادەم بولۇڭ ئادەمدەك،
ئادىمىيلىك كېرەك دەپ،
ھايات چەكلىك، بەك قىسقا،
ياشىغىن سەن ئەركەكتەك.

ئاداۋەتنى ئويلىما،
ياخشىلىقنى ئويلىغىن،
كۈلۈپ ياشا بىر ئۆمۈر،
ئىناقلىقنى كۈيلىگىن.

بىلىپ ياشاپ ئادەمدەك،
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن،
ھەسەت قىلما دوستۇڭغا،
گۈللەر سۇنۇپ ياشىغىن.

ئازاپلىما دوستۇڭنى،
قىينالمىسۇن يۈرۈگۈڭ،
تىلەك تىلە ھەر دائىم،
دوستقا توزاق قۇرمىغىن.
     





94 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 6:07:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ