يارغا خىتاپ«قەلەم»

يارغا خىتاب

 

ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى

 

 ئەي يارەنلەر سۆزلە يالغان ئەمما يۇچۇق قالدۇرمىغىن،

 ئۆتۈنەي سەندىن يەنە ماڭا قىلچە چاندۇرمىغىن.

 

 ئىشەنچەم تاغدەك ساڭا، تائەبەتكە شۇنداق ئۈتەي،

 شۇ ئىشەنچنى بەربات قىلىپ ئەلەم ئوتى ياندۇرمىغىن.

 

 بىر سىنى دەپ سوققان يۈرەك نائۈمۈدتە قالمىسۇن،

شۇ يۈرەكنى لەختە قىلىپ، مۇھەببەتتىن تاندۇرمىغىن.

 

بۇ سەپەر مۈشكۈل سەپەر ئىشەنچ ماڭا يار يۆلەك،

شۇ ئىشەنچنى سۇندۇرۇپ، يوللۇرۇمدىن تايدۇرمىغىن.

 

 بەختىمىزنى قىلىپ نىشان چىقىپ بولدۇم يەڭ تۈرۈپ،

 پەقەت ماڭاي شۇ ياق تامان، ھىچ كەينىمگە ياندۇرمىغىن.

 

قەلەم





120 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 0:39:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ