سۈكۈۋەرمەڭ ئەمدى ئايالنى (شېئىر) - مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى

سۈكۈۋەرمەڭ ئەمدى ئايالنى

مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى


سۈكۈۋەرمەڭ ئەمدى ئايالنى،

شۇ گۇناھكار سزنىمۇ تۇققان.

بۇنداق ناچار يامان ئىللەتلەر،

كىملەردىنمۇ كىلىپلا يۇققان.


سۈكۈۋىرىپ كۈندە ئايالنى،

غەيۋەت قىلىپ گۇناھقا پاتما.

بەرگىن تۇزى كۈزۈڭ تۇتىدۇ،

كۈلۈپ سەنمۇ ئويناپلا ياتما.


سۈكۈۋەرمە ئەمدى ئايالنى،

قاشلىقلارنى راسا ئەتتى دەپ.

قىلسا ئۇلار كىلشتۈرۈپ پەدەزنى،

ئىناۋەت ۋاي توۋا يىراق كەتتى دەپ.


سۈكۈۋەرمە ئەمدى ئايالنى،

تۇزلىرىنى سەنمۇ يەپ بۇلۇپ.

تىزلانساڭمۇ كەچۈرەلمەيدۇ،

يۈرەكلەرگە دەشنام يەپ بۇلۇپ.


سۆكمەكچى بولساڭ سەنمۇ ئايالنى،

بەرگەن ساڭا ئېشىنى ئويلان.

كۈلپىتڭگە سىنىڭمۇ تۆككەن،

مىھنەتكەشنىڭ يېشىنى ئويلان.


بارچە جاپاكەش قىز ئاياللىرىمىز مەڭگۇ ئامان بولسۇن!

2017.3.28.خۇتەن چىرا 

ئۈندىدار،18997657800

ئەسلى پېتى بەھىر ئالغايسز، نامىسز قالمىسكەن.

     





40 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-2 7:36:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ